تۇنجى ئالتۇن ۋ ئاق ئالتۇن پاتىفۇنلىرى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
پاتىفون پىلاستىنكىسى ئادەتتە سۇلياۋدىن ياسىلىدۇ. تېلىۋېزور پىلاستىنىكىسى بولسا ئەينەكتىن ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېتال پەردە يالىتىلىدۇ. لېكىن سىز دۇنيادا ئالتۇن ۋە ئاق ئالتۇندىن ئىشلەنگەن پاتىفۇن پىلاستىنكىسىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟
بەزى دۆلەتلەردە مۇنداق بىر «قائىدە » بار: كىمكى ئۆزى ئىشلىگەن مەلۇم پاتىفۇن پىلاستىنكىسى بىر مىليون دانە سېتىلسا، ئۇچاغدا، بىر مىليون بىرىنچى پىلاستىنكىنى «ئالتۇن پىلاستىنكا» دەپ ئاتايدۇ. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالتۇن پىلاستىنكىغا ئىتالىيە كومپوزىتورى ئېنرىگوكارو يازغان «قىزىقچى» دېگەن ئوپىرادىكى «ئالا - يېشىل كىيىم كىيىش» دېگەن ناخشا ئېلىنغان. لېكىن بۇنىڭدا بىر ئاز «ساختىلىق» بار. ناخشا ئېيتقۇچى ئېرىشكەن بۇ «ئالتۇن» پىلاستىنكا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن ئەمەس، پەقەت نامدىلا ئاشۇنداق ئاتىلىدۇ، خالاس.
دۇنيا بويىچە ھەقىقى تۇنجى ئالتۇن پىلاستىنكىغا 1942 - يىلى 10 - فېۋرالدا گرېنمېرى دېگەن كىشى ئېرىشكەن. بۇ ئامېرىكىدىكى بىر رادىئو شىركىتىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت ئالتۇن پىلاستىنكا ئورنىتىلغان ئۇ «چاتنۇگا، جيۇ - جيۇ» دېگەن ناخشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلەنگەن.
ئامېرىكىلىق ئېرۋېسپلىسىرى دېگەن كىشى شەخىسلەر بويىچە ئەڭ كۆپ ئالتۇن پىلاستىنكىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ پاتىفۇن پىلاستىنكىسى 300 مىليونغىچە سېتىلىپ، ئۇ 120 دانە ئالتۇن پىلاستىنكىغا ئىگە بولغان.
ئامېرىكا پاتىفۇن پىلاستىنكا سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1975- يىلى يانۋارغا قارىغاندا قەدەر 1540 دانە ئالتۇن پىلاستىنكا تارقىتىلغان.
ئالتۇن پىلاستىنكىدىن باشقا يەنە تېخىمۇ قىممەتلىك مېتال - ئاق ئالتۇندىن ئىشلەنگەن پىلاستىنكىمۇ بار. ئاق ئالتۇن پىلاتىنا بولۇپ، بىر خىل ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق پىلاستىنكىنى ئېلىشنىڭ شەرتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر كومپۇزىتور ياكى ئارتىسىنىڭ 200 مىليون پاتىفۇن پىلاستىنكىسى سېتىلسا، ئاندىن ئۇ ئاق ئالتۇن پىلاستىنكىسىغا ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكىلىق ھالى لىلىس (ئەدىبىي تەخەللۇسى : «پىنكلىيۇس») ئاق ئالتۇن پىلاستىنكىسىغا تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن. ئۇنىڭغا بۇ ئاق ئالتۇن پىلاستىنكىسىنى خولايۋۇ سودىگەرلەر جەمئىيىتى 1960 - يىلى 9 - ئىيۇندا تەقدىم قىلغان. 1970 -يىلى 15 - سىنتەبىردە ئۇنىڭ 300 مىليۇن 650 مىڭىنچى پاتىفۇن پىلاستىنكىسىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ئىككىنچى ئاق ئالتۇن پىلاستىنكا بېرىلگەن. ئۇنىڭ ناخشىسى ئېلىنغان پىلاستىنكا 1975 - يىلى ئىيۇلغا قەدەر جەمئىي 400 مىليۇندىن ئوشۇق سېتىلغان. شۇڭا ئۇ پاتىفۇن پىلاستىنكىسى ئىشلەشتە ئالقىشقا ئەڭ كۆپ سازاۋەر بولغان سەنئەتچى بولۇپ قالغان. (يۈي زۇيۈەن)