UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ بەختسىزلىك يۈز بەرگەن فىلىم

ئەڭ بەختسىزلىك يۈز بەرگەن فىلىم

دۇنيادىكى ئەڭلەر فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بەختسىزلىك ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 1931 - يىلى ئىشلەنگەن «دوزاخ پەرىشتىسى» دېگەن كىنو فىلىمى ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن فىلىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىنونى فىلىمغا ئېلىش جەريانىدا ۋەقەلەر ئارقىمۇ - ئارقا يۈز بېرىپ تۇرغان. پارتلاشنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدە تېخنىكىلىق كۆرۈنۈشنى ئېلىشتا ئىشلىتىلگەن ئايروپىلان ئېھتىياتسىزلىقتىن ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپ بار ئادەم ئۆلگەن. يەنە بىر ئايروپىلان قونۇش ۋاقتىدا يېقىلغۇسى يېتىشمەي چۈشۈپ كېتىپ بىر ئادەم ئۆلگەن. دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر تېخنىك سىناق قىلىپ ئۇچقان ئايروپىلان قۇنۇش ۋاقتىدا سوقۇلۇپ كېتىپ تېخنىك شۇ زامان ئۆلگەن. تۆتىنچى قېتىم ئۆلگۈچىمۇ بىر تېخنىك بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە تېخنكىلىق بىر كۆرۈنۈشنى ئېلىشتا ئايروپىلان پارتلاپ كېتىپ ئۆلگەن. بىر كىنونى فىلىمگە ئېلىش ئۈچۈن تۆت ئايروپىلان ۋەيران بولغان، تۆت ئادەم ئۆلگەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ فىلىمنى «ئەڭ بەختسىزلىك يۈز بەرگەن فىلىم» دەپ ئاتىغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ بەختسىزلىك يۈز بەرگەن فىلىم | UyghurWiki | UyghurWiki