UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپ بىرىكتۈرۈلگەن ئور‎گانىك بىرىكمە

ئەڭ دەسلەپ بىرىكتۈرۈلگەن ئور‎گانىك بىرىكمە

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئورگانىك خېمىيە ھازىر ئىنتايىن مۇھىم پەن بولۇپ قالدى. لېكىن 18 - ئەسىردىن بۇرۇن كىشلەر جانلىق ھۈجەيرە، جانلىق مەۋجۇداتلار تېنىدىن ھاسىل بولىدىغان ئورگانىك بىرىكمە ياساش ئۈچۈن بىرخىل ھاياتىي كۈچ بولۇشى كېرەك. ئۇن سۈنئىي يول بىلەن بىرىكتۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى. بۇ چۈشەنچىنى 1828 - يىلى گېرمانىيە خېمىيە ئالىمى ۋىللار بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاددىي ئانئورگانىك سىناق دورىسى كالىي سانات ۋە ئاممونىي سولفات ئېرىتمىسىنى قىزىتىپ، ئاممونىي سانات ھاسىل قىلماقچى بولغان ئىدى. لېكىن كۈتۈلمىگەن ھالدا بۇ ئېرىتمىدىن پەقەت جانلىق مەۋجۇداتلار تېنىدە بولىدىغان ئورگانىڭ ماددا «سۈيدۈك ماددىسى »ھاسىل بولدى. سۈيدۈك ماددىسى ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكى ئاساسىي ئازوتلۇق ماددا بولۇپ، ئاقسىل بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدىغان مەھسۇلاتتۇر. ھازىر ئۇسانائەتتە ئامياك بىلەن كاربون تۆت ئوكسىددىن ياسىلىپ، مۇھىم ئازوت ئوغۇتى ۋە خېمىيە سانائىتى خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنى كۆشىگۈچى ھايۋانلار ئۈچۈن يەم خەشەك قىلغىلىمۇ بولىدۇ. ۋىللار ئورگانىك ماددا بولغان «سۈيدۈك ماددىسى »نى بىرىكتۈرگەنلىكتىن، شۇنىڭدىن باشلاپ خېمىيە ئورگانىك خېمىيە ۋە ئانئورگانىك خېمىيە دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈندى.(چېن رۇڭلې)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ