ئەڭ مۇستەھكەم چېگرا لىنىيىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
گېرمانىيە فېدراتىپ جۇمھۇرىيىتى (غەربىي گېرمانىيە) بىلەن گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ (شەرقىي گېرمانىيە) ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا لىنىيىسى بىر مىڭ 380 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ يەرگە ئىككى مىليون 230 مىڭ دانە مىنا كۆمۈلگەن، 80 مىڭ 500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تىكەنلىك تور سىم تارتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان چارلاش ئەسۋابلىرى ئورنىتىلغان كۈزىتىش مۇنارلىرى بار. بۇ چېگرىنىڭ كەڭلىكى 246 مېتىر كېلىدۇ. بۇ چېگرىنىڭ شەرقىي گېرمانىيىدە ئىگەللىگەن يېرى 345 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇستەھكەم تىزگىنلەنگەن چېگرا لىنىيىسى ھېسابلىنىدۇ.