UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز بامبۇك

ئەڭ ئېگىز بامبۇك

دۇنيادىكى ئەڭلەر بامبۇك ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ئىنتايىن تېز ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، بامبۇك نوتىسى يەردىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ 10 نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئانا بامبۇكچىلىك بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، 10 نەچچە كۈندىلا 10 - 20 مېتىر، ئۇنىڭدىنمۇ ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئېگىز ئەركەك بامبۇك ئەڭ ئېگىز بامبۇك ھېسابلىنىدۇ، 1904 - يىلى، سرى - لانكدىكى بېلادىنىيە باغچىسىدا ئېگىزلىكى 30 - 35 مېتىر كېلىدىغان بىر نەچچە تۈپ بامبۇكنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ بامبۇكلار باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بامبۇكلارنىڭ كەنجى ئائىلىسى ئەركەك بامبۇكلار ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئۇرۇقداشنىڭ نامى گرېك تىلىدىكى dendran (دەرەخ) بىلەن calamus (قۇمۇش) دېگەن سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇشۇ ئۇرۇقداش بامبۇكلارنىڭ دەرەخلەردەك ئېگىز ئۆسىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇرۇقداش تەخمىنەن 20 خىلغا يېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەرەخسىمان بامبۇكلار بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى 24 - 30 مېتىر. دىئامېتىرى 20 - 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپى ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، ھىندىستان ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئېگىز بامبۇك | UyghurWiki | UyghurWiki