كىيىم - كېچىكى ئەڭ ياخشى ئايال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ۋىندسۇر گېرتسوگ خانىم (1896 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان) 1938 - يىلدىن 1953 - يىلىغىچە 15 يىل ئارىلىقىدا <دۇنيا بويىچە كىيىم - كېچىكى ئەڭ ياخشى ئايال> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1959 - يىلى 1 - ئايدا نيو - يوركتىكى كىيىم - كېچەك تەتقىقات ئورنى ۋىندسۇر خانىم بىلەن ۋىللىئام پالېينى خانىملارغا <داڭلىق ئاياللارنىڭ مۇقەددەس قەسىرى> دېگەن نام بەرگەن. ئۇلار بۇ نامغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىككىسى كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشمىسىمۇ بولىدىكەن.
كننېدى ئوناسسىمۇ (1929 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ سوسئە نپورۇندا تۇغۇلغان) بىر نەچچە يىل كېيىن يۇقىرقىغا ئوخشاش نامغا ئېرىشكەن.
دۇنيا بويىچە كىيىم - كېچىكى ئەڭ ياخشى ئاياللاردىن يەنە ۋىن ستون گۇئېست خانىم، پالېيى خانىم، گىلورىئاگۇننېسىس خانىملار ھەر يىلى كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىش، تىكتۈرۈش ئۈچۈن 500 مىڭ فرانكتىن ئارتۇق پۇل ئىشلىتىدىكەن (تېرە ماللار ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
1960 - يىلى 1 - ئايدا كىيىم - كېچەك تەتقىقات ئورنى 12 نەپەر ئەڭ كېلىشكەن ئايالنىڭ فامىلىسىنى، چىراي - شەكلىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇشنى قارار قىلغان، بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر جانلىق بولىدىكەن. ئەمما 1966 - يىلىغا كەلگەندە، ئەھۋال يەنە ئەسلىگە قايتقان. چۈنكى 22 ياشلىق ئاماندا كاتېربۇردېن 1966 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى <ئەڭ ياش تاجى كەيگۈچى> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئەسلىدە ئۇ ۋىللىئام پالېي خانىمنىڭ كېلىنى ئىدى.