ئەڭ دەسلەپكى رادىئو ئاڭلىتىش
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئامېرىكىدا تىسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىسسېندېن 1906 - يىلى 25 - دېكابر كۈنى يەنەى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسى كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا ماسسا چۇسېتسى شىتاتىنىڭ بلانىتيان دېگەن جايىدىكى دۆلەتلىك ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ 128 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رادىئو مۇنارىدىن تۇنجى قېتىم رادىئو ئاڭلاتتى. رادىئودا تەۋراتتىكى لۇكا ئىنجىلىدا ئېيتىلغان ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا، گېرمانىيە مۇزىكانتى ھېندېل ئىشلىگەن «شادىيانە» قاتارلىق مۇزىكىلار ئاڭلىتىلدى. كىشىلەر بۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق رەسمىي رادىئو ئاڭلىتىش دەپ قارىدى. ئەمەلىيەتتە، پېسېندېن 1900 - يىلىلا رادىئو ئاۋازى ئېنىق بولمىغان نۇتۇق ئاڭلاتقان ئىدى. بىراق ئامېرىكىلىق بارنېت ستېربوفىدنىڭ 1902 - يىلى كېنتۇككى شىتاتىدىكى مۇرې شەھىرىدە بەرگەن بىر قېتىملىق رادىئو ئاڭلىتىشىنى تۇنجى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك رادىئو دەپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ستېربوفېد باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ كەشپىياتچى بولۇپ چىققان. ئۇ 1866 - يىلى ژورنالدىن گېرمانىيىلىك گېرتسنىڭ ئېلېكتر دولقۇنى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇنى رادىئو ئاڭلىتىشقا تەتبىق قىلىشقا ئىنتىلگەن. ئۇ ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى دەرەخزارلىققا قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىدىن بەشنى ئورۇنلاشتۇردى، مۇرې مەيدانىغا ئاۋاز كۈچەيتكۈچى كاناي ئورناتتى، لېكىن ئۇ تەجرىبىنى باشلاشتا جىددىيلىشىپ قېلىپ نېمىنى ئاڭلىتىشنى بىلەلمەي قالدى. كېيىن ئوغلىنى چاقىرىپ، ئۇنى كاناي ئالدىدا گەپ قىلدۇردى ۋە ئېغىز گارمونى چالدۇردى. تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇڭا بارنېت ستېربوفېدنى دۇنيا بويىچە تۇنجى رادى.و ئاڭلاتقۇچى دېيىشكە بولىدۇ.
مۇرې مەيدانىدا رادىئو ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، يەنە فىلادېلفىيە شەھىرىدە رادىئو ئاڭلىتىلىپ، ۋاشىنگىتون مەنپەئەتدارلىق ئىدارىسىنىڭ مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھازىر كېنتۇككى شىتاتىدىكى مۇرې ئۇنىۋېرسىتېتىدا «رادىئو ئاڭلىتىشنىڭ ئاتىسى» دېگەن خاتىرە مۇنارىمۇ ئورنىتىلغان.