ئەڭ چوڭ تەبىئىي كۆۋرۈك ۋە ئەڭ ئۇزۇن تەبىئىي ئەگمە
دۇنيادىكى ئەڭلەر
تەبىئەت دۇنياسىدا ھەقىقەتەن ئاجايىپ - غارايىب نەرسىلەر ئۇچرايدۇ، كۆۋرۈكلەر ئىچىدە تەبىئىي كۆۋرۈكلەر بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى كولورادو ئېگىزلىكىدە خىلمۇ - خىل تەبىئىي كۆۋرۈك ۋە تەبىئىي ئەگمىلەر بار. بۇلار تەبىئەتتىكى يەنە بىر نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ يۇتا شىتاتى بىلەن ئارىزونا شىتاتى تۇتاشقان جاينىڭ ئانچە يىراق بولمىغان شىمالىدا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تەبىئىي كۆۋرۈك بار. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 84.7 مېتىر كېلىدۇ، بۇ كۆۋرۈك ئۆزىنى تېشىپ ئۆتكەن ئېقىن سۇنى 94.2 مېتىر ئېگىزلىكتە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، پۈتۈن كۆۋرۈك قىزغۇچ قۇمتاشتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كۆۋرۈك چوققىسىنىڭ قېلىنلىقى 13 مېتىرغا، كەڭلىكى 6.7 - 10 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ياز كۈنلىرى يامغۇردىن كېيىن كۆك ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن - ھۈسەنگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ «ھەسەن - ھۈسەن كۆۋرۈكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يۇتا شىتاتىنىڭ شەرقىي، مويابۇ شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شىمالىدىكى «دۆلەتلىك ئەگمىلەر باغچىسى» دا «مەنزىرىلىك ئەگمە» دەپ ئاتالغان بىر تەبىئىي ئەگمە بار، ئۇ ئارتىلىش ئارىلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ياپىلاق ئۇزۇنچاق قۇمتاشلىق ئەگمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 88.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 30.5 مېتىر، چوققىسىدىكى ئەڭ تار يېرىنىڭ كەڭلىكى ئاران 1.8 مېتىر، قېلىنلىقى 3.3 مېتىر بولۇپ، قارىماققا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك كۆرىنىدۇ.