ئەڭ ئېگىز تېلېۋىزىيە مۇنارى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان ئېگىز مۇنارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تېلېۋىزىيە دولقۇنىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ لايھىلەنگەن. پولات ماتىرياللىرىنىڭ سۈپتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، تېخنىكىنىڭ مۇكەممەللىشى ئارقىسىدا، ئېگىزلىك بويىچە ئۆزلۈكسىز رىكوردلار يارىتىلىپ، مۇنارلار بارغانسېرى ئېگىزلەۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە پولشىدىكى ۋاسانا تېلېۋېزىيە مۇنارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا ، كانادادىكى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە مۇنارى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ۋارسانا تېلېۋىزىيە مۇنارى پولشىنىڭ پلوتسىكى ئەتراپىدىكى جايغا سېلىنغان بولۇپ، پايتەخت ۋارشاۋا بىلەن ئارىلىقى 96 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 645.33 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنار 15 تال مېتال ئارغامچا بىلەن تارتىلغان پۇلات قۇرۇلمىلىق ئېگىز مۇنار بولۇپ ، 1970 - يىل ئىيۇلدا باشلىنىپ، 1974 - يىلى 18 - مايدا پۈتكەن. شۇ يىلى 22 - ئىيۇلدا پايدىلىنىشقا تاپشۇرۇلغان. مۇنارنىڭ 347 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايىغا مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن 400 كىشىلىك ئايلانما ئاشخانا سېلىنغان بولۇپ، مۇشۇ جايدا تۇرۇپ 100 كىلومېتىر ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
كانادانىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە مۇنارى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئونتارىئوكولى بويىغا سېلىنغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 548 مېتىر كېلىدۇ. 1973 - يىلى ئىش باشلىنىپ، 1976 - يىلى پۈتكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 560 توننا پۇلات ماتىريالى ئىشلىتىلگەن. 29 مىليون 500 مىڭ كانادا دوللىرى سەرپ قىلىنغان. بۇ مۇنارنىڭ تەكشىلىكى «Y» شەكلىدە بولۇپ، ئۈچ پۇنىڭ ئۇلى 6.71 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا پۇلات چىۋىقلىق بىتون بىلەن قوپۇرۇلغان. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ياسالغان بولۇپ، دۇنيانىڭ بىناكارلىق تارىخىدا مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە مۇنارى ئاممىنىڭ تاماشا قىلىشى ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، 366 مېتىر\ سېكۇنتلىق يۇقۇرى سۈرئەتلىك لىفىت بىلەن سائىتىگە 1500 تاماشىبىننى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ئونتارىئوكولىنى ۋە ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلدۇرغىلى بولىدۇ. مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئايلانما ئاشخانا بولۇپ ،بىر سائەتتە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭدا 400 دىن ئارتۇق كىشىگە بىر ۋاقىتتا تاماق تارتقىلى بولىدۇ. ( جاۋ جاڭ)