ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەڭ ئاستا بولغان بىر نەچچە مىسال
دۇنيادىكى ئەڭلەر
بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئەڭ ئاستا بولغان مىساللار تۆۋەندىكىچە: ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدىكى پىڭ زې دىڭ داۋ (1906 - يىلى تۇغۇلغان) توكيو شەھىرىدىكى بىر بانكىنىڭ 12 ئادىمىنى كالىي سياند بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ ئەنزە 16 ئاي تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، 1950 - يىلى 1 - ئايدا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈم ئىجرا قىلىنمىغان. 1962 - يىلى 11 - ئايدا ئۇبىنجۇدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنىپ 1972 - يىلى 5 - ئايغىچە تۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكىلىق ئېدىگارلابات (44 ياش) بىلەن كىلىفتون پارېت (38 ياش) ئىككىسى لوئىسانا شتاتى ئانگولا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار تۈرمىسىدە 14 يىلنى ئۆتكۈزگەن. ئۇلار 1950 - يىلى باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكتىن 1953 - يىلى 3 - ئايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما 1967 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. قويۇپ بېرىلگەن ھامان ئۇلار يەنى ئەنزە سادىر قىلىپ، باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن يەنە تۈرمىگە قامالغان.
كارىيل چېسسىمان (38 ياش) 17 خىل چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن، 1960 - يىل 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سائىنت چۇئېنتىن تۈرمىسىنىڭ كۆمۈر گازى ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلار كامېرىدا 11 يىل 10 ئاي بىر ھەپتە ياتقان. ئۇ 8 قېتىم كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈمىگە ئېرىشكەن.