UyghurWiki
UyghurWikiئاڭقەلەمپۇر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي

قەلەمپۇر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي

دۇنيادىكى ئەڭلەر «ئەركەك قەلەمپۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل جۇڭيى دورىسى بار. ئۇ مۆتىدىلگە مايىل بولۇپ، تەمى ئاچچىق كېلىدۇ. ئاشقازاننى ئىسسىتىش، قەينى پەسەيتىش، قورساق كۆپۈشنى داۋالاش ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئۇنڭ يەنە مەددە چۈشۈرۈش رولىمۇ بار. ئەركەك قەلەمپۇر قەلەمپۇرنىڭ غۇنچىسىدۇر. قەلەمپۇر غۇنچىسى ياكى قەلەمپۇر غۇنچىسىدىن ئېلىنغان قەلەمپۇر مېيى قىممەتلىك خۇش پۇراق ماتىريال بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك قەنت - گېزەك ، يېمەكلىك ۋە پاپىروسنىڭ تەمىنى تەڭشەش ماتىريالى ياكى ئالىي دەرىجىلىك پەدەز بويۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. زانزىباردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قەلەمپۇر مەيلى مىقدار ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، دۇنياغا داڭلىق. زانزىبار تانزانىيىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى زانزىبار ئارىلى بىلەن پېمبا ئارىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىرقانچە كىچىك ئاراللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. بۇ يەرنىڭ تانزا دېڭىزىغا بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 36 كىلومېتىر كېلىدۇ. زانزىبار 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ دۇنيا بويىچە قەلەمپۇر ئەڭ كۆپ چىقىدىغان جاي بولۇپ كەلدى. قەلەمپۇر ئۆستۈرۈلىدىغان جايلارنىڭ كۆلىمى 30 مىڭ گېكتاردىن ئاشىدۇ. بۇ يەردىن چىقىدىغان قەلەمپۇر دۇنيا قەلەمپۇر بازىرىنى تەمىنلەيدىغان قەلەمپۇر مىقدارىنىڭ دانلىرى بىر خىل، رەڭگى ياخشى، خۇش پۇراق بولۇپ، خەلقئارا بازاردا ناھايىتى يۇقۇرى شۆھرەتكە ئىگە. زانزىباردىكى مىليونلىغان قەلەمپۇر دەرەخلىرىنىڭ بەشتىن تۆت قىسىمى ئېگىز - پەس ئىدىرلىق پېمبا ئارىلىغا مەركەزلەشكەن. ئۇ يەرنىڭ ئىسسىق ئىقلىمى، مۇنبەت تۇپرىقى قەلەمپۇر دەرەخلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئايروپىلاندىن تۆۋەنگە قارىغاندا، قۇيۇق قەلەمپۇر دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان پېمبا ئارىلى خۇددى كۆپ - كۆك دېڭىزغا تۇرغان يېشىل گۆھەردەك ناھايىتى چىراقلىق كۆرۈنىدۇ. پېمبا ئارىلىدىكى قەلەمپۇر دەرەخلىرى چاتقال ئەمەس. بەلكى ئېگىزلىكى 3 - 4 مېتىردىن 7 - 8 مېتىرغىچە كېلىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخلەر بولۇپ، ھەريىلى يانۋار ۋە فېۋرالدا غۇنچىلاشقا باشلايدۇ. يامغۇر پەسلى (مارتتىن - ئىيۇنغىچە) ئۆتكەندىن كېيىن غۇنچىلىرى شاخلارنى قاپلاپ كېتىدۇ. ئىيۇلغا كەلگەندە غۇنچىلار يېشىللىقتىن قىزىرىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ دەل غۇنچىلارنى يىغىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. تانزانىيە خەلقى قەلەمپۇر غۇنچىلىرىنى قۇرۇتۇپ، ئېكىسپورت قىلىش ئۈچۈن زانزىبار پورتىغا توشۇيدۇ. (دۈەن خۇڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ