UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ مەسچىت

ئەڭ چوڭ مەسچىت

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىدىكى يەھما مەسچىتى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھىندىستاننىڭ مەشھۇر مەنزىرىلىك جايى ۋە ئاسارە - ئەتىقىسى بولغان « قىزىل قورغان» بىلەن قارمۇ - قارشى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشى بىلەن سانسىز كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. يەھما مەسچىتى، ئاگرانىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى «تاج ماھال مەقبەرىسى »غا ئوخشاش، ھىندىستاندىكى ئىسلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى بولۇپ قالغان. بۇ مەسچىتنى ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھى ساجخان مىلادى 1644 - يىلى سالدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، 14 يىلدا پۈتكەن. ئۇنىڭ كۆلىمى 929 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. پۈتۈن مەسچىت ئېگىز سۇپا ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، 40 باسقۇچلۇق پەلەمپېيى بار. تۆت ئەتراپى ئېگىز تاملار بىلەن توسالغان. شىمال، جەنۇب ۋە شەرق تەرەپلىرىگە دەرۋازا قويۇلغان. سىز پەلەمپەيلەردىن چىقىپ دەرۋازىدىن كىرسىڭىز، كەڭ - كۇشادە تۆت چاسا ھويلىنى كۆرىسىز. ھويلا ئىچىدە توپ - توپ كەپتەرلەر مەسچىتنىڭ گۈمبەزلىك ئۆگزىسىنى ئايلىنىپ ئۇچۇپ، خۇددى ئاسماننىڭ يېرىمىنى توسۇۋالغاندەك ھايات بەخش كۈچ ئۇرغىغان مەنزىرىسىنى يارىتىدۇ. ھويلىدا تەرەت سۈيى ئالدىغان چوڭ كۆل بار. ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر غەرب تەرەپتە بولۇپ، ئۈچ چوڭ زالدىن تەكىب تاپقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جاي بولغان مەككىدىكى كەبەگە قارىتىلىغان. ئوتتۇرىسدىكى زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان كەڭ مېھراب بار. يەنە ئاق گەجدىن ياسالغان ئاددىي مۇنبەرمۇ بار. ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر توپىسىدە ئۈچ گۈمبەز بار. ئىككى ياندا ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدىغان بىر ئۇچلۇق مۇنار بار. ئۇلار ھىندىستان بويىچە ئەڭ چىرايلىق مۇنارلار بولۇپ، ئۈستىگە ئاق گەج سۇۋالغان. چوققىسىدىن تا تۈۋىگىچە تۈپ - تۈز قارا سىزىق تارتىلغان. ئاق قارا رەڭلەر ئېنىق ئايرىلىپ، تازا ماس كەلگەن. تۈپ - تۈز ئۇچلۇق مۇنار، ئاپئاق گۈمبەزلەر كۆپ - كۆك ئاسماندا بىر - بىرىنى تولىمۇ ئېچىپ تۇرىدۇ. بۇلار ھەيۋەتلىك، گۈزەل، يارىشىملىق كۆرۈنۈپ، ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتىلىدۇ. چاسا ھويلىدا يەنە ئىككى كىچىك ئۆي بار. بىرى ئەينى يىللاردا ئوردا خانىملىرىنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن سېلىنغان. يەنە بىرى، خۇش پۇراقلىق ئاق ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭدا بىرقانچە قىممەتلىك مەدىنى يادىكارلىق - ئەتىر گۈلگە ئورالغان، بۆكەن تېرىسىدىن تىكىلگەن بىرجۈپ ئۆتۈك بار. بۇ مۇھەممەدنىڭ ساقىلىمىش. بۇ يەردە يەنە مەشھۇر ئىمام ئەلى كەرىمۇللا ئۆز قولى بىلەن بۆكەن تېرىسىگە كوفى ئۇسلۇبىدا يازغان بىر قانچە بەتلىك ئايەت بار. بۇ مەدىنى يادىكارلىقلارغا قارايدىغان كىشىلەر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئەۋلادتىن - ئەۋلاتقا ساداقەتلىك بىلەن ئورۇنلاپ كەلمەكتە. ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ جاينى سۈرەتكە تاتىشى مەنئىي قىلىنغان.(ما شاۋ مېي)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ چوڭ مەسچىت | UyghurWiki | UyghurWiki