UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئېگىز جايلاردا ئۆسىدىغان چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر

ئەڭ ئېگىز جايلاردا ئۆسىدىغان چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دېڭىز يۈزىدىن قانچىكى ئېگىز جاينىڭ شارائىتى شۇنچە ناچار بولىدۇ. ئۇ يەردە شىۋىرغان قاتتىق چىقىدۇ، تېمىراتۇرا شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. ئېگىز تاغلاردا چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ئاز ئۆسىدۇ. لېكىن «ناھايىتى ئاز» بولغان تەقدىردىمۇ يەنىلا بولىدۇ، ئېگىز تاغلارغا چىقالايدىغان ئاز سانلىق قەھىرىمان ئۆسۈملۈكلەر پاكارلاپ يەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار «يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. يېپىنچىسىمان ئېكولوگىيىلىك ھالەت ئېگىز تاغلىق ئۆسۈملۈكلەردە ئاسانلىقچە «چاتاق چىقارغۇزمايدۇ» يەرگە چاپلىشىپ ياتقان ئېگىز تاغلىق ئۆسۈملۈكلەرنى قېلىن قارلار خۇددى يوتقاندەك يېپىپ تۇرىدۇ. شۇڭا قاتتىق سۇغۇق ئىقلىمدا قېلىن قار ئۇلارنى قوغدايدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز جايلاردا ئۆسىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز جايلاردا ئۆسىدىغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز تاغ - ھىمالايا تېغىدا تاپقىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە. مەملىكتىمىزنىڭ ئىلىم - پەن خادىملىرى شىزاڭدىكى جۇڭبا ئەتراپىدا دېڭىز يۈزىدىن 5800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدىن چېچەكلەيدىغان كوبرىسيە پىگمايېئا (Kobresiapyomaea) دېڭىز يۈزىدىن 6000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدىن چېچەكلەيدىغان داسفوزا فرۇتىكوسا(Dasiphorafruticosa) دېگەن ئۆسۈملۈكلەرنى تاپتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بەزىلەر ھىمالايا تېغىنىڭ 20130 ئىنگلىزچىسى (6135 مېتىرغا توغرا كېلىدۇ) ئېگىزلىكتىكى جايدىن ئىستېللارىيە دېكۇمبېنىس (stellaria decumdens) ئېگىز جايدا ئۆسىدىغان چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (چيۇليەنچىڭ )
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ ئېگىز جايلاردا ئۆسىدىغان چېچەكلىك ئۆسۈملۈكلەر | UyghurWiki | UyghurWiki