UyghurWiki
UyghurWikiئاڭيېپىق ئۇرۇقلۇق ئەڭ ئېگىز ئۆسۈملۈك

يېپىق ئۇرۇقلۇق ئەڭ ئېگىز ئۆسۈملۈك

دۇنيادىكى ئەڭلەر دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز دەرەخ تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر دائىم ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا ئۆسىدىغان مامونت دەرىخىنى ئەڭ ئېگىز دەرەخ دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمىلىيەتتە بولسا، يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئاۋستىرالىيىدە ئۆسىدىغان ئېۋكارىپىت دەرىخى ئۇنىڭدىنمۇ ئېگىز، ئېۋكارىپىت دەرەخلىرىنىڭ تۈرى 600 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىلەر ئېۋكارىپىت سەردارى (Eucaryptus regnans) دەپ ئاتايدىغان بىر تۈرى بار. ۋىكتورىيە ئورمانلىقىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ باشلىقىنىڭ 1872 - يىلدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىلىپ چۈشكەن بىر تۈپ دەرەخنى ئۆلچىگەندە، ئېگىزلىكى 132 مېتىر كەلگەن. بۇ دەرەخ يېقىلغاندا ئۇچى سۇنۇپ كەتكەنلىكتىن سۇنۇپ كەتكەن قىسمى بۇ ھىسابقا كىرگۈزۈلمىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ئەمىلىي ئۇزۇنلۇقى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەرەخ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز سانىلىدىغان «دۇنيانىڭ بوۋىسى » (ئېگىزلىكى 115 مېتىر)دىنمۇ خېلىلا ئېگىز، ئادەتتە ئۇچرايدىغان ئېۋكارىپىت سەردارىنىڭ ئېگىزلىكى 114 مېتىر، 104 مېتىر، 99 مېتىر . . . . كېلىدۇ. شۇڭا ئېۋكارىپىت سەردارى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بولغان يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز دەرەخ دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئېۋكارىپىت دەرىخى ناھايىتى ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇقى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئۇرۇقى قوڭۇر بولۇپ، 20 تال ئۇرۇقنىڭ چوڭلۇقى بىر تال گۈرۈچچىلىك كېلىدۇ. 6 مىليون تال ئۇرۇقنىڭ ئېغىرلىقى ئاران بىر كىلوگرام كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇششاق ئۇرۇغ بىخ ئۇرغاندىن كېيىن ئېگىز ۋە چوڭ ئېۋكارىپىت دەرىخى بولۇپ يېتىشىدۇ. مانا بۇنىمۇ ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى بىر خىل ئاجايىپ كۆرۈنۈش دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئېۋكارىپىت دەرىخى شۇنداقلا بىر خىل تېز ئۆسىدىغان دەرەخ. ئىتالىيدىكى بىر جامائەت باغچىسىغا ئېۋكارىپىت دەرىخىنىڭ بىر تال ئۇرۇقى تەرگەن ئىكەن. ئۇ يەتتە يىلدىلا 19مېتىر ئۆسۈپتۇ. غولىنىڭ چوڭلۇقى 1.9 مېتىر كەپتۇ. ئېۋكارىپىت دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقىدىن ماي چىقىدۇ. ئۇ باكتىرىيىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. بازاردا ئېۋكارىپىت يۇپۇرمىقىدىن ئىشلەنگەن يۆتەلنى توختىدىغان كەمپىت سېتىلىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدە ئېۋكارىپىت يۇپۇرمىقى مېيى بولغانلىقى ئۈچۈن، يۆتەلنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئېۋكارىپىت دەرىخىنىڭ ياغىچى كېمىسازلىق سانائىتىدە ئەڭ يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە. بەزى مەملىكەتلەردە سازلىقنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سازلىقنىڭ ئەتراپىدا كۆپلەپ ئېۋكارىپىت ئۆستۈرۈلىدۇ. ئېۋكارىپىت تىكىلىپ 10 - 15 يىل ئىچىدىلا پاتقاق سازلىقلار قۇرۇپ كېتىدۇ. (لۇ رۇيلىن)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ