ئاتسا يېنىپ كېلىدىغان ئەسۋابنى ئەڭ يىراققا ئاتقان ئادەم
دۇنيادىكى ئەڭلەر
بوپ بىلەن جاك. بونىۋېلل (ئاۋسترالىيىلىك) بىر دانە سولفاتلىق تالادىن ياسالغان، 170 گرام ئېغىرلىقتىكى ئاتسا يېنىپ كېلىدىغان ئەسۋابنى 82 مېتىر يىراققا ئاتقان. بۇنىڭ ئۇچۇش ئوربىتاسى 230 مېتىر بولغان. ئۇ، دۇنيا بويىچە ئاتسا يېنىپ كېلىدىغان ئەسۋابنى ئەڭ يىراققا ئاتقان ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
1971 - يىلى 11 - ئايدا ئاۋسترالىيىلىك جېفىف لىۋرې 40.6 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاتسا يېنىپ كېلىدىغان ئەسۋابنى 78 مېتىر يىراققا تاشلىغاندا، ئەسۋاب يەنە ئۇچۇپ يېنىپ كەلگەن.