ئەڭ دەسلەپكى كۆزەينەك
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كۆزەينەكنىڭ قاچان كەشپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە ھەرخىل سۆز - چۆچەكلەر بار. نۇرغۇن كىتابلاردا مۇنداق بىر خىل رىۋايەت بار: مىلادىدىن ئىلگىرى 2283 - يىلى، جۇڭگو پادىشاھى لىنزا ئارقىلىق يۇلتۇزلارنى كۆزەتكەن، كۆزەينەك جۇڭگودىن چەتئەللەرگە تارقالغان. كۇڭزى (مىلادىدىن ئىلگىرى 551 - 479 - يىللار) نىڭ ئېيتىشىچە، شۇ زاماندا جۇڭگودا بەشىلەر خرۇستال ۋە باشقا سۈزۈك مىنېرال ماددىلاردىن ياسالغان كۆزەينەكنى تاقاپ، ئاپتاپنىڭ كۆزنى چېقىشىدىن ساقلانغان ياكى كۆزنىڭ ياللۇغلىنىشىنى داۋالىغان. يەنە مۇنداق رىۋايەتمۇ بار: رىم پادىشاھى نېرۇ (37 - 68 - يىللار) يېشىل گۆھەرنى (يېشىل گۆھەر بېرىللىي - كىرىمنىي بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن بىر خىل ئېسىل كرستال بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە خروم بولغاچقا يېشىل رەڭگە كىرگەن) ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ قۇللارنىڭ ئېلىشىشىنى كۆرگەندە كۆزىگە ئەنە شۇ يېشىل گۆھەرنى تاقىۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن كۆزنى ئاسراپلا قالماستىن، بەلكى قۇللارنىڭ ئېلىشىشىنى ئېنىق كۆرەلەيدىكەن.
ئەڭ ئىپتىدائىي كۆزەينەك لىنزا ئارقىلىق نەرسىلەرنى چوڭايتىپ ئېنىق كۆرسىتىدىكەن. بېگىن 1267 - يىلى ھەقىقىي كۆزەينەك ياساپ ئىنجىلنى ئوقىغان، لېكىن بۇ كۆزەينەك ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلمىغان. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى ۋېنېتسىيە كۈتۈبخانىسى ۋە پىساموناستىرىدىن بۇ خىل كۆزەينەك تېپىلغان.
ئەڭ قەدىمكى كۆزەينەك قاپلىما ياكى چاتما شەكىلدە بولغان. ئەينەك ئاددىي ياغاچ رامكىغا بېكىتىلگەن، ھەربىر رامكىنىڭ قىسقا دەستىسى بولۇپ، ئىككى دەستىنىڭ ئۇچى بىر - بىرىگە چېتىلغان.
كېيىن كىشىلەر ئىككى ئەينەك رامكىسىنى جازا بىلەن تۇتاشتۇرۇپ قۇلىقىغا بېكىتىۋالغان. بەزىلەر تاسما ياكى باغ بىلەن بېشىغا باغلىۋالغان. بۇخىل كۆزەينەكنى ئىتالىيىلىك سبېنا بىلەن ئارۇماداس ئەڭ بۇرۇن كەشپ قىلغان.
1840 - يىلى ۋېنادا ئەينەكتىن كۆزەينەك ياساش باشلىنىپ، ئەينەك سۈزۈك خرۇستالنىڭ ئورنىنى ئالغان.
كۆزەينەكنىڭ ئەينىكىنى سىلىقلاش تېخنىكىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئاستىراق بارغان، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان كۆزەينەك ئەينىكى بارلىققا كەلگەن. ئۇنى پروفېسسور ئابې بىلەن رورھېنگى ھەمكارلىشىپ ياسىغان.