ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەر قايسى؟ مۇشۇ ئەسىرنى دەسلىپىدە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەر لوندون ئىدى. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە نيو - يورك ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. 60 -يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن توكيو بىر سەكرەپلا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىكى چوڭ شەھەرلەردە ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى ئاستا بولدى. بەزىلەر ھەتتا ئاھالە كېمىيىشكە يۈز تۇتتى. ئەمما تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەردە شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى تېز كېڭىيىۋاتىدۇ. سان - پاۋلو، رىو - دې - ژانېيرو، بوئېنوس ئايرېس، قاھىرە، جاكارتا، تېھران قاتارلىق شەھەرلەر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەرلەر قاتارىغا ئۆتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرى ئەڭ گەۋدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانىلىق مەلۇماتىغا ۋە ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتىرياللارغا قارىغاندا، مېكسىكا شەھىرنىڭ شەھەر رايونىنىڭ ئاھالىسى 70 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا توكيودىن ئېشىپ كەتتى. ھازىر بولسا ئۇ دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ قالدى.
مېكسىكا شەھرى مېكسىنىڭ مەركىزىي ئېگىزلىكىدىكى زور ئېللىپىس شەكىللىك جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە زۇمرەتتەك دولقۇنلار داۋالغۇپ تۇرغان قارلىق چوققىلار بىلەن ئورالغان. شەھەر رايونى دېڭىز يۈزىدىن 2240 مېتىر ئېگىز بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى كۈنمىڭ شەھرىدىن بىر قانچە يۈز مېتىر ئېگىز. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل، ھۆل بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىل باھاردەك ئىللىق.
مېكسىكا شەھىرىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە مىلادى 1325 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مېكسىكىنىڭ تەكتى بولغان ئاتسىتېك ئېمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى ئىدى. شەھەرنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان مەدىنى يادىكارلىقلار ۋە ئاسار - ئەتىقىلەر ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەيۋەتلىك قۇياش ۋە ئاي مۇنارلىرى دۇنياغا مەشھۇردۇر. 1821 - يىلى مېكسىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مېكسىكا شەھىرى قوشما شىتاتلارنىڭ پايتەختى بولۇپ بەلگىلەندى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ شەھەر پۈتۈن مەملىكەت سىياسىي،ئىقتىسات، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە پەۋقۇلئاددە تېز بولدى. ئاھالىسى 1910 - يىلى ئاران 590 مىڭ ئىدى. 1940 - يىلىغا كەلگەندە 1 مىليون 440 مىڭغا يەتتى. ھازىر شەھەر رايونىنىڭ كۆلىمى 380 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 10 مىليونغا يېقىنلاشتى. (شەھەر ئەتراپى رايونى بۇنىڭ سىرتىدا). (جاڭ شيەنيۈي)