ئېنېرگىيىنى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز سەرپ قىلىدىغان دۆلەتلەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھەر خىل ئېنېرگىيىلەرنى مەسىلەن: كۆمۈر، سۇيۇق يېقىلغۇ، سۇ ئىنشائاتى قاتارلىقلارنىڭ (تورف ۋە ئۆسۈملۈك مېيى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ) ئېنېرگىيە مىقدارىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟ كىشىلەر ئادەتتە ئۇلارنى كۆمۈرگە سۇندۇرۇپ ھېسابلايدۇ. مۇشۇ ئاساستا، 1970 - يىلى دۇنيا بويىچە سەرپ قىلىنغان ئېنېرگىيە مىقدارى ھەر بىر ئادەمگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1,889 كىلوگرام كۆمۈر سەرپ قىلىنغان بىلەن باراۋەر كېلىدۇ.
ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 1970 - يىلى ھەر بىر ئادەم سەرپ قىلغان ئېنېرگىيە 11 مىڭ 144 كىلوگرام كۆمۈر بىلەن باراۋەر كېلىدۇ. ئوخشاش مەزگىلدە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشى ئەڭ تۆۋەن بولغان دۆلەت بۇرۇندى بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە توققۇز كىلوگرامدىن كۆمۈر توغرا كەلگەن.