UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت

ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت

دۇنيادىكى ئەڭلەر كىشىلەر بۇ ماۋزۇنى كۆرگەندە، چوقۇم ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد، كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ئامېرىكىنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، ياپونىيىنىڭ توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىدىن ئالغاندا، بۇ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار دۇنيا بويىچە ھەرگىزمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلمەيدۇ. دۇنيا بويىچە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشىدىغان 100 چە ئۇنىۋېرسىتېت بار. بۇلاردىن 54 ى ئامېرىكىدا، 30 ى ھىندىستاندا. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان 10 ئۇنىۋېرسىتېت بار. بۇلاردىن تۆتى ئامېرىكىدا، تۆتى ھىندىستاندا. ئامېرىكىدىكى نيۇ - يورك شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1844 - يىلى قۇرۇلغان. ھازىر ئۇنىڭدا 344 مىڭ ئوقۇغۇچى، 15 مىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى بار. نيۇ - يورك شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىتىنىڭ باش ئورگىنى شۇ شىتاتنىڭ مەركىزىي شەھىرىدىكى ۋولبانىغا جايلاشقان بولۇپ، شىتاتتا جەمئىي تۆت شۆبىسى، ئىككى تېبابەتچىلىك مەركىزى، 13 سەنئەت ۋە پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بار، تۆت كەسپىي ئىنىستىتۇتى ۋە ئالتە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئىنىستىتۇتى بار
← بارلىق تېمىلار ئاڭ