UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ قىممەت باھالىق گىلەم

ئەڭ قىممەت باھالىق گىلەم

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئىراقنىڭ سىتېسپخون شەھرىدىكى ساسساندېس سارىيىنىڭ چوڭ زالىدىكى <كىخۇسراۋنىڭ باھارى> دەپ ئاتالغان گىلەم دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا ۋە قىممەتلىك گىلەم. ئۇنىڭ چوڭلۇقى 650 كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئىپەك ۋە زەر يىپلاردىن توقۇلغان. ئۈستىگە يېشىل ياقۇتلار ئورنىتىلغان، مىلادى 635 - يىلى پارىس ئارمىيىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بۇ گىلەمنى ىر نەچچىگە پارچىلاپ بۇلاپ كەتكەن. مۆلچەر قىلىنىشىچە، بۇ گىلەمنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتى بىر مىليارد فرانك بولۇشى مۇمكىن. 1978 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى لوندوندىكى سوسېدا مىلادى 1500 - يىلى توقۇلغان بىر پارچە مامېلوك گىلىمى سېتىلغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.78 مېتىر، كەڭلىكى 2.20 مېتىر بولۇپ، باھاسى بىر مىليون 40 مىڭ 600 فرانك، بۇنى ئاشكارا سېتىلغان ئەڭ يۇقىرى باھالىق گىلەم دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ قىممەت باھالىق گىلەم | UyghurWiki | UyghurWiki