UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ مەملىكەت

ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ مەملىكەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھازىر چەت ئەللەردە ئېچىش قىممىتىگە ئىگە ئالتۇن زاپىسى ئاران 31 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ ئالتۇن زاپىسى دۇنيا ئالتۇن زاپىسىنىڭ 60 - 65 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا بويىچە ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ مەملىكەت بولۇپ قالغان. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئالتۇن كانلىرى، ئاساسلىقى، ئورنېج دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان ۋائال دەرياسى ۋادىسىغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسەن يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ، 500 كىلومېتىر سوزۇلغان، شۇڭا بۇ يەر «ئالتۇن يايى» دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي ئافرىقىدا ھازىر زور ئالتۇن كانلىرىدىن 40 ى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە كروگېرسدورپ كان رايونىدىكى ئۇرنىقۇس ئالتۇن كانىنىڭ يىللىق مەھسۇلاتى 66 توننا (1976 - يىلى) ار يېتىپ، بۇ كان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانى دەپ ئاتالدى. يوھاننېسبۇرگنىڭ 69 كىلومېتىر غەربىدە «غەربتىكى چوڭقۇر تەكشىلىك» دەپ ئاتىلىدىغان ئالتۇن كانى بار، بۇ كاننىڭ ئەڭ زور چوڭقۇرلۇقى 3962.4 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئالتۇن قېزىش ئىشىدىكى دۇنياۋى رېكورت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەردە كان ئىشچىلىرى ھاياتىنىڭ خېيىم -خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي گىرەلىشىپ كەتكەن پاكار تونىل ئىچىدە ۋە 56 سېلىتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتتا ئىشلەپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 119 كىلوگرام ئالتۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي ئافرىقىدا يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن تاۋلاش زاۋۇتى _ لاندېر ئالتۇن تاۋلاش زاۋۇتى بار. ئۇ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جېمىستون بازىرىدىكى بىر چوڭ قورۇغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ يەتتە كانچىلىق ئورگىنىنىڭ بىرلەشمە جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدا قېزىۋېلىنغان بارلىق ئالتۇن مۇشۇ زاۋۇتتا تاۋلىنىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارى 750 توننىغا يېتىدۇ. لاندېر ئالتۇن تاۋلاش زاۋۇتىدا تاۋلانغان ئالتۇن ئاخىردا ئېغىرلىقى تەخمىنەن 400 ئۇنسىيە كېلىدىغان كېسەك ئالتۇن قىلىپ قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭڭ ساپلىق دەرىجىسى 99.5 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ. سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن يەنە بىر قېتىم پۇختا تاۋلىنىپ، ساپلىق دەرىجىسى 99.9 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ