ئەڭ ئېگىز كاتولىك دىنىي ئىبادەتخانىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
غەربىي گېرمانىيە ئۇلم چوڭ چېركاۋىنىڭ مۇنارى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چېركاۋ مۇنارلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بۇگىيوتې شەكلىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، 1377 - يىلدىن باشلاپ ياسالغان. چېركاۋنىڭ غەربىدىكى مەركىزىي مۇنار بىناسى 1890 - يىلى پۈتكەن بوۇپ، ئېگىزلىكى 160 مېتىر كېلىدۇ.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز كاتولىك دىنىي چېركاۋىنىڭ مۇنارى - ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى جەمئىيىتى گۇرۇھىنىڭ بىرىنچى چېركاۋى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 22 قەۋەتلىك پەلەككە تاقىشىدىغان بىنا 1924 - يىلى سېلىنغان. راھىپلارنىڭ ئولتۇراق جايى 100 مېتىر ئېگىز يەرگە جايلاشقان. تەڭرى ئىبادەتخانىسى 120 مېتىر ئېگىز يەرگە سېلىنغان. كىرسىت بەلگىسى قويۇلغان قوڭغۇراق مۇنارىسىنىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسى يەر يۈزىدىن 137 مېتىر ئېگىز تۇرىدۇ.