ئېكۋاتورغا ئەڭ يېقىن پايتەخت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتورنىڭ پايتەختى كىتو شەھىرى ئاند تاغ تىزمىلىرىنىڭ چوققىلىرى ئوراپ تۇرغان ياپ - يېشىل ئويمانلىققا جايلاشقان.
كىتو - ئېكۋاتورغا جايلاشقان مەشھۇر تاغلىق شەھەر. يەر شارىنىڭ ئېكۋاتور سىزىقى دەل مۇشۇ شەھەرنىڭ قېشىدىن ئۆتىدۇ، شۇڭا بۇ شەھەر ئېكۋاتورغا ئەڭ يېقىن پايتەخت سانىلىدۇ. كىتوغا كەلگۈچىلەر ئېكۋاتورنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرمەكچى بولىدۇ. كىتو شەھرىنىڭ شىمالىدا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا «ئېكۋاتور خاتىرە مۇنارى»قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىدە گۇلۇبۇس ئورنىتىلغان. مۇنارنىڭ تۆت تەرىپى شەرق،غەرب، شىمال ، جەنۇبنى كۆرسىتىدۇ. مۇنارغا «بۇ يەر - يەرشارىنىڭ مەركىزى »دېگەن خەت يېزىلغان. مۇنارنىڭ ئاستىغا ئېكۋاتورنىڭ سىمۋولى بولغان مەركىزىي سىزىق سىزىلغان بولۇپ، بىركىشى بۇ سىزىقنىڭ ئۈستىدە شەرققە قاراپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى جەنۇبىي يېرىم شارغا ، سول پۇتى شىمالىي يېرىم شارغا دەسسەپ تۇرغان بولىدۇ.
شۇنىسى قىزىقكى، ئېكۋاتورغا يېقىن تۇتاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويمانلىققا جايلاشقان كىتو شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 2700مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىقلىمى ئانچە ئىسسىق ئەمەس، ھەتتا بەزىدە كىشىنىڭ غولىنى قورۇغىدەك سوغۇق بولىدۇ. بۇ يەردە تۆت پەسىل گويا ئەتىيازدەك بولۇپ، ھەرقايسى ئايلارنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 13سېسلىيە ئەتراپىدا بولىدۇ. ياز پەسلىدىمۇ ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا 17 - 18 سېسلىيەدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. لېكىن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن زور پەرقلىنىدۇ. كۈندۈزى كۈن نۇرى تىك چۈشۈپ، ھاۋا تازا قىزىغاندا، تېمپىراتۇرا 25 سېسلىيەچە ئۆرلەيدۇ. چۈشتە دائىم ئاسماننى بىردىنلا بۇلۇت قاپلاپ، شارقىراپ يامغۇر ياغىدۇ. بەزىدە مۆلدۈر چۈشىدۇ. كېچىسى تېمپىراتۇرا بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھەتتا تېمپىراتۇرا نۆل سېسلىيىگە يېتىپ قالىدۇ. ئۆيلەردە تام مەشكە ئوت يېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
كىتو جەنۇبىي ئامېرىكا تارىخىدا قۇدرەتلىك ئىنكا ئىمپېرىيىسىنىڭ مۇھىم شەھىرى بولۇپ، بەش يۈز يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى ۋە قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. كىتو شۇنداقلا قەھرىمان شەھەر. ئىسپانىيە مۇستەمكلىكچىلرى كىتونى مەركەز قىلىپ، 300 يىل ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلىدە يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئازاتلىق يولىدىكى كۈرەشلىرى زادىلا توختاپ قالمىغان. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېكۋاتور ۋەتەنپەرۋەر ھەربىي ۋە خەلقلىرى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى پىچىنچا تېغى ئەتراپىدا ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى قوشۇنىنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى ۋە 1809 - يىلى 10 - ئاۋغۇستتا مەملىكەتنىڭ مۇستەقىلىكىنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرقى ۋاقىتتا كىتو شەھىرى ئېكۋاتورنىڭ ئىقتىساد، مەدىنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، 780 مىڭ ئاھالىگە ئىگە. بۇ شەھەر سودا شەھىرى بولغان دېڭىز پورتى گۋاياكىلدىن قالسا مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (جياڭ چاڭيۇي)