ئەڭ دەسلەپكى كېمە پىرقىرىغۇچىسى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
كېمىلەرنىڭ ئىلگىرىلەتكۈچىسى ھەرخىل - ھەرياڭزا بولىدۇ؛ باغچىلاردىكى كۆللەردە يۈرىدىغان سەيلە كېمىلىرىگە ياغاچ پالاق ئىشلىتىلىدۇ؛ يەلكەنلىك كېمىلەر شامال كۈچى بىلەن يۈرىدۇ؛ ماتورلۇق يۈك كېمىسى، يولۇچىلار كېمىسى ۋە ھەربىي كېمىلەرنىڭ ئىلگىرىلەتكۈچىسى كۆپىنچە پىرقىرىغۇچ بولىدۇ. پىرقىرىغۇچنىڭ ئىتتىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، كېمىنى ئالغا ماڭدۇرۇش ياكى ئارقىغا قايتۇرۇش ئەپلىك بولۇپ، كېمىنى خالىغانچە ماڭدۇرالايدۇ.
پىرقىرىغۇچ تەسەۋۋۇرىنى شۋېيتسارىيىلىك بېرنۇللى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان، بېرنۇللى 1752 - يىلى بىر كۈنى فىزىكىلىق تەجرىبىسىنى ئىشلەپ بولۇپ دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىدا قورۇدا بىر ياغاچچىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ياغاچچىنىڭ ئىشىغا قاراپ ھاڭۋىقىپ قالىدۇ. بۇرما مىقنىڭ تاختايغا قېقىلىشى ئۇنى قىزىقتۇرىدۇ: بۇرما مىق سائەت سترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە بۇرالغاندا تاختايغا كىرىدۇ؛ بۇنىڭ تەتۈرىسىچە بۇرالغاندا، تاختايدىن چىقىدۇ. بېرنۇللى، بۇ قائىدە كېمىنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلسا، نېمىدىگەن ئەپلىك ئىش بولاتتى، دەپ ئويلايدۇ.
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن پورتسىمۇت قولتۇقىدىن 1836 - يىلى ئالقىش ساداسى ياڭرايدۇ. ئەنگلىيىنىڭ «ئارخىمىد» ناملىق كېمىسىمۇ ئۇزۇن قۇيرۇقتەك بۇرما تايىقىنى سۆرەپ، يۈرۈش سىنىقىنى باشلايدۇ. ئۇ سائىتىگە تۆت دېڭىز مىلى تېزلىك بىلەن كېتىپ بارغاندا، بۇرما تايىقى تۇيۇقسىز سۇدىكى توسالغۇغا تېگىپ سۇنۇپ كېتىپ، ئازراق قىسمى قېلىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا كېمىساز سىمىت بىئارام بولۇپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ، بىراق ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بېرىدۇ: كېمە يۈرۈۋېرىدۇ. تېخى بۇرۇنقىدىن تېزرەك يۈرىدۇ، سىمىت ئۆلچەپ كۆرۈپ كېمىنىڭ تېزلىكى 13 دېڭىز مىلىغا يەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر قىسقا بۇرما تايىقىنى پالاقسىمان قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ. داۋاملىق سىناق قىلىش ئارقىلىق، ھازىر كېمىلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان پىرقىرىغۇچ بارلىققا كېلىدۇ. 1845 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ «بۈيۈك برېتانىيە» نالىق ماتورلۇق كېمىسى ياسىلىدۇ. بۇ، پىرقىرىغۇچ ئەڭ بۇرۇن ئىلگىرىلەتكۈچ سۈپىتىدە قوللانغان دۇنيا بويىچە تۇنجى پاراخوت ھېسابلىنىدۇ.