باھاسى ئەڭ قىممەت سائەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان ئەنگلىيىنىڭ بىر دانە ئۆرە سائىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت سائەت بولۇپ، لوندون كىرىستان شىركىتىنىڭ 1972 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك سودىسىدا 201 مىڭ 600 فرانك باھا قويۇلغان. سائەتنىڭ ئېگىزلىكى 1.99 مېتىر بولۇپ، 1675 - يىلى جوسىپ كنىببە ياسىغان. بۇ سائەتنى مەخسۇس سائەت سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان لوندونلۇق سودىگەر رونالىت لېي سېتىۋالغان.