UyghurWiki
UyghurWikiئاڭكالا گۆشى يېمەيدىغان ئەمما ئەڭ كۆپ كالا باقىدىغان مەملىكەت

كالا گۆشى يېمەيدىغان ئەمما ئەڭ كۆپ كالا باقىدىغان مەملىكەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر كالىلارنىڭ سانىدىن ئالغاندا، ھىندىستان دۇنيا بويىچە خېلىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1976 - يىلى ھىندىستاندا 180 مىليوندىن ئارتۇق كالا بولۇپ، دۇنيا بويىچە كالىلارنىڭ تەخمىنەن 15 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ھىندىستاندا كالا شۇنچىۋالا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كالا سۈتى ئىشلەپچىقىرىشتا ئارقىدا تۇرىدۇ. بۇنداق بولۇشى ھىندىستاننىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئادەتتىكى ھىندى دىندارلىرى ئارىسىدا گانگ دەرياسى «مۇقەددەس دەريا» دەپ قارالغىنىغا ئوخشاش، كالىمۇ مۇقەددەس نەرسە _ «مۇقەددەس كالا» دەپ قارىلىدۇ. ھىندى دىنىنىڭ قائىدىلىرىدە كالا ئۆلتۈرۈش ۋە كالا گۆشىنى يېيىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. قېرى، كېسەل، مېيىپ كالىلارمۇ ساقلاپ قېلىنىدۇ ۋە بېقىلىدۇ. ھىندىستاندىكى يۈز مىليونلىغان كالا ئارىسىدا مۇشۇنداق قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ كالىلار خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ كالىلار ھېچ ئىش قىلماي، يەپ - ئىچىپ يۈرۈۋېرىدۇ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆزى ئۆلۈپ تۇرىدۇ. كالىنى ھىندىلاردەك قەدىرلەش ھەقىقەتەن دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ.دېھقانلار ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدە ياكى بازارغا بارغاندا ھامان كالىنى ياساندۇرۇپ، مۈڭگۈزىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىدۇ. بوينىغا قوڭغۇراق ئاسىدۇ؛ قىشتا كالىغا ماتا كىيىم يېپىپ قويىدۇ. ھىندىستان كالىلارنى ئىشلىتىش ئاساس قىلىنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يۈكى ئېغىر ئەمەس، يېزىلاردا يەر ھەيدەشتە ساپانغا كۆپىنچە ئىككى كالا قوشۇلىدۇ. كالىلار ئاۋات كوچىلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ، قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم توسىمايدۇ. ماشىنىلار ئۇلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشىدۇ. پىيادىلەرمۇ يولدا كېتىۋاتقان كالىلار ئارىسىدىن گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
كالا گۆشى يېمەيدىغان ئەمما ئەڭ كۆپ كالا باقىدىغان مەملىكەت | UyghurWiki | UyghurWiki