UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپ مەلۇم بولغان ئانتىبىئوتىكلار

ئەڭ دەسلەپ مەلۇم بولغان ئانتىبىئوتىكلار

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئانتىبىئوتىكلارنىڭ مەلۇم بولۇش تارىخىنى 1928 - يىلىغا تاقاشقا بولىدۇ، شۇ چاغلاردا ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھرىدىكى سېن - مارى دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان باكتېرولوگىيە ئالىمى پىروفېسور فلېمنىڭ بىر كۈنى باكتىرىيە ئۆستۈرۈش قاچىسىنى ھېچقانداق مەقسەتسىز ھالدا دەرىزە تۈۋىگە قويۇپ قويىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ قاچىدا بىر مۇنچە كۆپ - كۆپ زامبۇرۇغلار پەيدا بولىدۇ. تېخىمۇ كۈتۈلمىگەن ئىش شۇكى، زامبۇرۇغلارنىڭ ئەتراپىدىكى باكتىرىيىلەردىن بەزىلىرى ئۆلىدۇ، بەزىلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ غەلىتە ئەھۋال فلېمىڭنى ئىنتايىن قىزىقتۇرىدۇ. فېلىمنىڭ قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر بۇنىڭ جاۋابىنى تاپىدۇ. بۇنداق كۆپ - كۆك زەمبىروغلارنى پەيدا قىلغان پېنىتسىللوم باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان ياكى باكتېرىيىنىڭ ئۆسۈشىنى توسىدىغان بىر خىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن. فىلېمىڭ بۇ خىل ماددىنى پېنىتسىللىن دەپ ئاتايدۇ ھەمدە 1929 - يىلى ئىيۇندا ئۆزىنىڭ كەشپىياتى توغرىسىدا ماقالە يېزىپ، ئەنگىلىيىنىڭ «تەجرىبە پاتالوگىيىسى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. لېكىن پېنىتسىللىننى ياساش ئۇچاغدا ناھايىتى تەس ئىدى. ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. شۇڭا كىشىلەر پەننىڭ بۇ قىيىن ئۆتكىلى ئالدىدا بارا - بارا توختاپ قالىدۇ، فلېمىڭنىڭ كەشپىياتىمۇ بارا - بارا ئۇنتۇلۇپ قېلىنىدۇ. ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ 1939 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيىنىڭ پاتالوگىيە ئالىمى فلورىي فلېمىڭنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ پېنىتسىللومنى ئۆستۈرىدىغان بىر نەچچە توننا ئېرىتمىدىن بىر قوشۇق قوڭۇر رەڭلىك پاراشۇك - ئەڭ دەسلەپكى پېنىتسىللىن تەجرىبە ئۈچۈن ستېرېپتوكوك بىلەن يۇقۇملاندۇرىدىغان چاشقاننى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. 1941 - يىلى ئەنگىلىيىدىكى ئوكسىفورددا پېنىتسللىن پاراشۇكى ستافىلوكوك ۋە سترېپتو كوك بىلەن قاتتىق يوقۇملىنىپ، ئۆلۈم خەۋپىدە قالغان بىر ساقچىغا ئىشتىلگەندە كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىپ، كېسەل ناھايىتى تېز ساقىيىپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پېنىتسللىننى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. لېكىن ئۇچاغدا ئەنگىلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر تەھدىدىگە ئۇچراۋاتقاچقا، پېنىتسىللىننى ئەنگىلىيىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىرىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ. لېكىن ئۇچاغدا ئەنگىلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر تەھدىدىگە ئۇچراۋاتقاچقا، پېنتسللىننى ئەنگىلىيىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەش زادى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت 1942 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىدا ئىشلەندى، ئاق پاراشوك ھالەتتىكى ساپ پېنىتسىللىن ياساش ۋە تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئارقىسىدا، ئاخىر دۇنيادا كەلدى. پېنىسللىن ئارقىلىق ساقايغان كېسەللەر 1943 - يىلى يازدا كىلىنكىلىق داۋالىنىش ئارقىلىق ساقايغان كېسەللەر 500 كىشىگە يەتتى. پېنىتسىللىننىڭ ئىختىرا قىلىنىشى داۋالاش جەھەتتە زور رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى باشقا ئانتىبىئوتىكلارنى تەتقىق قىلىشقىمۇ يېڭى يول ئاچتى. تىبابەتچلىك ساھەسىدىكى بۇ مۇۋەپپەقىيەتيەتنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن، فلمېڭ، فلورېي قاتارلىق ئۈچ كىشىگە 1945 - يىلى نوبېل تىبابەتچىلىك مۇكاپاتى بېرىلدى. (ۋۇخۇڭجۇ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ