UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى رومان

ئەڭ دەسلەپكى رومان

دۇنيادىكى ئەڭلەر ياپونىيىنىڭ «گۇاڭ يۈەنشى ھەققىدە ھېكايىلەر» دېگەن رومانى دۇنيا بويىچە ئەڭ دەسلەپكى رومان ھېسابلىنىدۇ. بۇ رومان، جۇڭگونىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق رومانىغا ئوخشاش، كىتابخانلارنىڭ ئالقىشى ۋە مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا سازاۋەر بولغان. بۇ رومان ياپون رومانلىرىغا خاس ژانىر بىلەن يېزىلغان. بۇ روماننىڭ ئاپتورى زى شىبۇ (ئايال يازغۇچى، مىلادى 978 - 1016 - يىللار) بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب بولۇپ چىققان. «گۇاڭ يۈەنشى ھەققىدە ھېكايىلەر» جەمئىي 54 توم، ئالدىنقى 44 تومىدا شاھزادە گۇاڭ يۈەنشى ۋ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن خوتۇن - قىزلارنىڭ ئىشق - مۇھەببەت ماجرالىرى تەسۋىرلەنگەن؛ كېيىنكى 10 تومى «يۈجى ھەققىدە 10 جىلد» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭغا گۇاڭ يۈەنشىنىڭ ئوغلى شۈن داجاڭ تەسۋىرلىگەن ھېكايىلەر كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتاب گۇاڭ يۈەنشى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن يېزىلىشقا باشلىنىپ، گۇاڭ يۈەنشى ئۆلۈپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن يېزىلىپ بولغان، جەمئىي تۆت سۇلالە 80 نەچچە يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭغا 440 تىن ئارتۇق پېرسوناژ كىرگۈزۈلگەن. «گۇاڭ يۈەنشى ھەققىدە ھېكايىلەر» نى ھازىرقى زامان ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە نۇرغۇن كىشىلەر كىرىشكەن، ھازىر ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل تەرجىمە نۇسخىسى بار.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ