UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ لاي تارتىش كېمىسى

ئەڭ چوڭ لاي تارتىش كېمىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1980 - يىلى 23 - يانۋاردا، كۆرۈنۈشى غەيرىيچە بولغان، دۈمبىسىگە 60 مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما تەخسىلىك شۈمۈرۈش ساندۇقى ئورنىتىۋالغان لاي تارتىش كېمىسى ئۆركەشلەپ تۇرغان چاڭجىياڭ دەرياسى ئېغىزىنىڭ سىرتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، ماشىنىنىڭ گۆكىرىگەن ئاۋازى بىلەن بىللە سېرىق لاتقىلار 100 مېتىر نېرىدىكى سايدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چۈشۈۋاتاتتى. ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئۈسكىنىسى ئەڭ ئىلغار بولغان، لاتقىنى ئۆزى تاشلاپ تۇرىدىغان لاتقا تارتىش كېمىسى ئەنە شۇ. بۇ كېمە ياپونىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، كەڭلىكى 29 مېتىر، سۇغا چۆكۈش دەرىجىسى 12 مېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي تونناژى 14 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. بىر قېتىمدا 6500 كۇب مېتىردىن ئارتۇق لاتقىنى تارتىپ چىقالايدۇ. دۈمبىسىدىكى ئايلانما تەخسىلىك شۈمۈرۈش ساندۇقى 180 گرادۇسلۇق ھەرقانداق دائىرىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ كېمىنىڭ دۇنيا بويىچە ھەرقانداق دېڭىز دائىرىسىدا لاي تارتىش مەشغۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قوش ماشىنا، قوش رول قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن، ھەيدەش سۇپىسىغا ئۆزگىرىشچان بۇرما قۇرۇلما ئورنىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ كېمە دولقۇن كۆتۈرۈلگەن ياكى پەسەيگەن ھەرقانداق شارائىتتا بىمالال مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋېرىدۇ. بۇ كېمىنىڭ ئەڭ ئوبدان گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، تارتىپ چىققان لاتقىنى كېيىن باشقا ياققا تاشلىۋېتىش ئۈچۈن ئۆزىدە ساقلاپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭدەك لاتقا كولىغاچ، لاتقىنى تاشلاپ بارالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن لاتقا توشىغۇچى چاتما كېمىلەرنىڭ قاتناش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ