ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مەملىكىتىمىز ئەڭ بۇرۇن قەغەز پۇل ئىشلەتكەن مەملىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «جياۋزى» قەغەز پۇلى ئەڭ دەسلەپكى قەغەز پۇل دەپ قارىلىدۇ. كېيىن ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز پۇل ئىشلەتكەن. بۇ پۇللار بىر - بىرىدىن شەكىل جەھەتتىنلا پەرقلەنگەن. خالاس.
مىڭ سۇلالىسى تۇنجى پادىشاھىنىڭ خۇڭۋۇ 8 - يىلى تارقىتىلغان دامىڭ قەغەز پۇلىنىڭ بىر تىزىق يارمىقىنىڭ قىممىتى بىر سەر كۈمۈشكە، تۆت تىزىق يارماقنىڭ قىممىتى بىر سەر ئالتۇنغا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تىزىق يارماق قىممىتىگە ئىگە قەغەز پۇل دامىڭ قەغەز پۇللىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ قەغەز پۇل ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك دۇنيا بويىچە تارقىلىپ كەلگەن قەغەز پۇللار ئارىسىدىمۇ ئەڭ چوڭ پۇل ھېسابلىنىدۇ. بۇ پۇل ئۈجمە قەغىزىگە بېسىلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 35 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 29 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەتراپىغا ئەجدىھا شەكلىدە گۈل بېسىلغان. پۇلنىڭ ئۈستىگە «دامىڭ يىللىرىدا ئۆتىدىغان قەغەز پۇل» دېگەن سۆز توغرىسىغا يېزىلغان. سول تەرىپىگە «مەملىكەت بويىچە ئۆتىدۇ» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان، ئوتتۇرىغا پۇل تېزىقىنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بىر تىزىق دەپ يېزىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ھەرقايسى ئەللەردىن سالامغا كەلگەن ئەلچىلەرگە ئوردىدىن دائىم مۇشۇ قەغەز پۇل سوۋغا قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمى چەت ئەللەرگىمۇ تارقالغان. «مىڭ خاتىرىلىرى، شۇەندې يىللىرىدىكى 6 جىلد» دا: «دامىڭ قەغەز پۇللىرى خۇازۇ ۋە يات تائىپە ئەللىرىدە ئۆتمەي قالمىغان» دېيىلگەن.