UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ ئۇزۇن دەريا

ئەڭ ئۇزۇن دەريا

دۇنيادىكى ئەڭلەر شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مىسسىسىپى دەرياسى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون دەرياسى ۋە ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن دەريالاردۇر. دەريالارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ھېسابلاشتا، ئۇزۇنلۇقى توغرا ھېسابلاشتىن تاشقىرى، دەريا مەنبەسىنى ئېنىقلاش مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا نىل دەرياسىنىڭ بىرىنچى ئۇزۇن دەريا ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ھەممە ئادەم ئېتراپ قىلىدۇ. ئۇ ئافرىقىدىكى بۇرۇندىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنى كاگىرا دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىدىكى ناھايىتى چوڭ بولغان ۋىكتورىيە كۆلىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن كۆلنىڭ شىمالىي ئېغىزىدىن چىقىپ، ئۇگاندا، سۇدان ۋە مىسىرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 6670 كىلومېتىر، ۋىكتورىيە كۆلىنىڭ ئېغىزىدىن ھېسابلىغاندا 5588 كىلومېتىر كېلىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ شەكىللىنىشى 20 - 30 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. شۇڭا ئۇنى يەنىلا ناھايىتى ياش دەريا دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋادا كۆلىمى دۇنيا بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئېقىن مىقدارى 35 - ئورۇندا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئون ئۈچدە بىرىگە توغرا كېلىدۇ. نىل دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىن تۆۋەن ئېقىنىغىچە بولغان تەبئىي ئالاھىدىلىكىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بار. ئۇنىڭ يۇقۇرى ئېقىنى ئىسسىق بەلۋاغ ئېگىزلىكىدە ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. ئېقىنى تېز، سۇ مىقدارى مول بولۇپ، تاغلىق جايلاردىكى دەريا ئالاھىدىلىككە ئىگە؛ ئوتتۇرا ئېقىنى سۇداننىڭ كەڭ تۈزلەڭلىكىدە ئەگىپ ناھايىتى ئاستا ئاقىدۇ؛ بۇ يەردە سازلىقلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قويۇق بولغانلىقتىن، نىل دەرياسى شاخلىنىپ ئاستا ئاقىدۇ ۋە قاتتىق پارغا ئايلىنىپ سۇ مىقدارى زور دەرىجىدە خورايدۇ؛ نىل دەرياسى سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇم شەھىرىنىڭ بويىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى - كۆك نىل بىلەن قوشۇلۇپ تازا ئۇلغىيىدۇ. ئاندىن كېيىن سەھرايى كەبىردىكى چەكسىز سېرىق قۇملۇقتا شىددەت بىلەن 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىقتا ئاقىدۇ. بۇ ئارىلىقتا 6 شارقىراتمىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دەريا ئېغىزىدا 240 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زور دېلتا ھاسىل قىلىدۇ. نىل دەرياسى قىممەتلىك سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكتىن، قەدىمقى مىسىر ئەمگەكچىلىرى قۇملۇقتا ئىنسانلارنىڭ سۇدان نىل دەرياسىدا نۇرغۇنلىغان سۇ ئىنشائاتلىرىنى قۇرۇپ پايدىلانماقتا. (جاڭ شەنيۈ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ