UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ چوڭ كاكتۇس

ئەڭ چوڭ كاكتۇس

دۇنيادىكى ئەڭلەر كاكتۇس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىدە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆسىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن يەرشارى بويىچە تەخمىنەن 150 ئۇرۇق، 2000 تۈرى بار، بۇلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئېكۋاتور قىسمنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. ھازىر كاكتۇس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئېسىل مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇلارنىڭ تىكەنلىك گەۋدىسىنى كۆرگەندە ھامان ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانىنى - چوغداندەك قىزىق چۆلدىكى ساينى ئەسلىشىدۇ. ئۇلار باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئاسانلىقچە ياشىيالمايدىغان ئوتتەك قىزىق دەشت - باياۋانلاردا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېگىلمەس -سۇنماس خىسلىتى ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامرىكىلىقلارنىڭ غورۇرى سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەربەتلىك غولى ۋە تاتلىق مېۋىسى ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆكتات ۋە مېۋە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامېرىكىلىقلار كاكتۇسنى دۇنيانىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى خەلقلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدۇ. ھەتتا مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربى ۋە پۇللىرىغا بىر بۈركۈتنىڭ كاكتۇستىن ياسالغان گۈلچەمبىرەككە قونۇپ تۇرغانلىقى چۈشۈرۈلگەن. 2000 خىل كاكتۇسنىڭ تۈزۈلۈشى ھەرخىل؛ بەزىلىرى خۇددى پوڭزەككە، ماندارىنغا ئوخشاش يۇمۇلاق؛ بەزىلىرى خۇددى ئالقاندەك، پەلەقتەك ياپىلاق؛ بەزىلىرى خۇددى قامچىدەك، ھاسىدەك ئۇزۇن؛ بەزىلىرى خۇددى گۇيلىنشەن تېغىنىڭ سۈيىدەك، يەككە - يىگانە چوققىدەك چوقچىيىپ چىققان؛ بەزىلىرى خۇددى بالىلار ئوينايدىغان رەگەتكە ئوقىچىلىك كەلسە، چوڭلىرى ھەتتا ئادەم بوينىدىنمۇ ئېگىزرەك كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئا ق ش نىڭ جەنۇبىدا ۋە مېكسىكا چۆللۈكىدە ئۆسىدىغان كاتتا كاكتۇس بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى «شاگىلو كاكتۇسى» دەپ ئاتايدۇ. خۇددى ئۇنىڭ لاتىنچە ئىلمىي نامى - giganeusدە كۆرسىتىلگىنىدەك. بۇ كاكتۇسنىڭ تۈپى تەڭداشسىز دەرىجىدە چوڭ بولۇپ ئېگىزلىكى 15 -18 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىزى 21 مېتىردىن ئاشىدۇ. دىئامېتىرى 30 - 60 سانتىمېتىردىن، ئېغىرلىقى 10 توننىدىن كۆپرەك كېلىدۇ. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تومپىيىپ چىققان 12 - 20 تال قوغۇرغىسى بولىدۇ. غولنىڭ يۇقۇرى قىسمى شامدانغا ئوخشىغان شاخ ئايرىپ، ئاق چېچەكلەپ، يىگىلى بولىدىغان قىزىل مېۋە بېرىدۇ. (چيۇ ليەنچىڭ )
← بارلىق تېمىلار ئاڭ