تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئايروپىلانى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
1979 - يىلى 29 - ئاپرېل چۈشتە كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لىۋېرسىد شەھىرىدىكى ۋلابوپ ئايرودرومىدا ھاۋا سۈزۈلۈپ، قۇياش نۇرى چاقناپ تۇراتتى. ئۇچقۇچى لارېي موررو ئۆزى ياسىغان ئەپچىل «قۇياش كۆتۈرۈلدى» ناملىق قۇياش ئېنىرگىيىسى ئايروپىلانىنى ھەيدەپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، 12 مېتىر ئېگىزلىكتە 800 مېتىر ئۇچتى. بىر مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن يەرگە ئاستا قوندى. بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ئىنسانلارنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ئايروپىلاننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىشقا كۆپ يىللاردىن بېرى ئىنتىلىپ كەلگەن غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلىم - پەننىڭ ئۇزاقتىن - ئۇزاققا سوزۇلغان ئىزدىنىش يولىدا ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم تاشلاندى.
«قۇياش كۆتۈرۈلدى» ناملىق ئايروپىلان قۇياش ئېنېرگىيىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئايروپىلانلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يېنىك ۋە ناھايىتى مۇستەھكەم ماتېرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 57 كىلوگراملا كېلىدۇ. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئاستى - ئۈستىدە ئىككىدىن قانىتى بار، ئۈستىدىكى قانىتىنىڭ ئۈستىگە قۇياش ئېنېرگىيىسى فوتو ئېلېمېنتىدىن 500 ى ئورنىتىلغان، ئۇنىڭ سىرتى سۈزۈك سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن مۇھاپىزەت پەردىسى بىلەن قاپلانغان. قۇياش نۇرى بىر يېرىم سائەت چۈشكەندە، بەش - ئالتە مىنۇت ئۇچۇشنى تەمىن ئېتىدۇ.
قۇياش ئېنېرگىيسى ئايروپىلانىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، ئاۋازى تۆۋەن، ھاۋانى بۇلغىمايدۇ، ئۇنىڭدا بەھۇزۇر ئولتۇرغىلى بولىدۇ. ھازىرقى قۇياش ئېنېرگىيىسى ئايروپىلانىنىڭ تەرەققىياتىدا فوتو ئېلېمېنتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن، تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار، ئەلۋەتتە. لېكىن بۇ قىيىنچىلىقلار پەن - تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەل بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى قۇياش ئېنېرگيىسى ئايروپىلانى ئاخىر بىر كۈن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.