UyghurWiki
UyghurWikiئاڭقەغەزگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى كىتاب

قەغەزگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى كىتاب

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئېلىمىزدە جىنلىقلار يازغان «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» دۇنيا بويىچە قەغەزگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى كىتابتۇر. بۇ كىتابنىڭ پارچىلىرى شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيىسىدىن 1924 - يىلى قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئارىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 80 قۇر، 1900 دىن ئارتۇق خەت ساقلىنىپ قالغان. بۇ ياپونىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. مەملىكىتىمىزدە سۈرەتكە ئېلىپ بېسىلغان نۇسخىسىلا قېلىپ قالغان. 1965 - يىلى تۇرپاننىڭ يېڭىسار قەدىمىي شەھىرىدىكى بۇددا مۇنارىسىنىڭ خارابىسىدىنمۇ مۇشۇ كىتابنىڭ پارچىلىرى تېپىلغان، بۇنىڭدا 40 قۇر، 570 تىن ئارتۇق خەت بولۇپ، «سۇن چۈەننىڭ تەرجىمھالى» يېزىلغان، جيەنئەن 25 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە خۇاڭۋۇ بىرىنچى يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچتىن بىرى ساقلىنىپ قالغان، ئۇلىشۇ يېزىقى بىلەن يېزىلغان. ماتېرىياللارغا قارىغاندا، بۇ كىتابتىن بۇرۇن قەغەزگە يېزىلغان كىتاب ھازىرچە يوق ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
قەغەزگە يېزىلغان ئەڭ دەسلەپكى كىتاب | UyghurWiki | UyghurWiki