ئەڭ ئۇزاق ۋاقىت ئوينالغان مارافونچە تانسا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
مارافونچە تانسا ئويناش بىلەن تەلۋىلەرچە تانسا ئويناش بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئاكىس - لا - چا - پېللېدا (ھازىرقى غەربىي گېرمانىيىدە) 1374 - يىلى 7 - ئايدا تانسا ئويناش بىر مەزگىل يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ئۇ چاغدا ئەر - ئاياللار كوچىغا چىقىپ بىر نەچچە سائەتلەپ ئەسەبىيلەرچە توختىماي تانسا ئوينايتتى، ھېرىپ يېقىلىپ قېلمىغىچە ياكى يارىلانمىغىچە توختىمايتتى.
ئامېرىكا ماسسا چوستېس شتاتى سوممېرۋىلدا 1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 1933 - يىلى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە ئاشكارا ھالدا ئەڭ زور مارافونچە تانسا مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە 22 يېرىم ھەپتە 3 يېرىم كۈن (3.780 سائەت) داۋام قىلغان. بۇنىڭدا 24 ياشلىق كاللوم - ل دېۋىللېر ئەپەندى بىلەن 20 ياشلىق ۋوننىي كوچىنسكى خانىم غەلىبە قازانغان. مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىسىدە ھەر سائەت ئارىلىقىدىكى 15 مىنۇت دەم ئېلىش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتقا قىسقارتىلغان. ئەڭ ئاخىرقى 52 سائەت ئىچىدە دام ئالماستىن تانسا ئوينالغان.