UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ داڭلىق ئىسلام مەقبەرىسى

ئەڭ داڭلىق ئىسلام مەقبەرىسى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاگرا شەھىرى گانگ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان جۇمنا دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە پۈتۈن دۇنياغا داڭقى چىققان مەقبەرە - تاج ماھال مەقبەرىسى بار. بۇ مەقبەرە چىرايلىق لايىھىلەنگەن بولۇپ، ھەشەمەتلىك ياسالغان. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئېسىل قۇرۇلۇشى - سوفىيە ئىبادەتخانىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالىدۇ. پۈتۈن مەقبەرە تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە سېلىنغان باغچا بولۇپ، تۆت ئەتراپى قىزىل قۇمتاشتىن قوپۇرۇلغان تام بىلەن قورشالغان. ئالدى - كەينىدە بىردىن راۋىقى بار. باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەقبەرە زالى - مەقبەرىنىڭ ئاساقۇ گەۋدىسى دەرۋازا راۋىقى 46*35.7*30.5 مېتىر كېلىدىغان ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، ئىشىك ۋە دېرىزىلىرى پۈتۈنلەي ئاق ۋە قارا مەرمەر بىلەن زىننەتلەنگەن. راۋاقنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن يۇمىلاق شىپاڭ بار. دەرۋازىدىن كىرگەندىلا، ئاق مەرمەردىن ياسالغان تار - ئۇزۇنچاق كۆلچەك بولۇپ، مەقبەرە زالىنىڭ ئالدىغىچە سوزۇلىدۇ. مەقبەرە زالى تۆت چاسا سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقىمۇ، كەڭلىكىمۇ 56.7 مېتىردىن كېلىدۇ. ئېگىزلىكى 64 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۆگزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى كىچىكرەك تۆت گۈمبەز ئىچكى بوشلۇقىنىڭ دىئامېتىرى 17.7 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرىدىكى زور گۈمبەزنى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇلار سۇپىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى تۆت ئېگىز مۇنارغا ماسلىشىپ، ناھايىتى ھەشەمەتلىك كۆرىنىدۇ. پۈتۈن مەقبەرە زالىنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى قىسمى پۈتۈنلەي قاشتاشتەك پارقىراپ تۇرغان ئاپئاق - سۈزۈك مەرمەر بىلەن قوپۇرۇلغان. تاشقى قىسمىدىكى ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ كېشەكلىرىگە گۈل ئويۇلغان پۈتۈن - پۈتۈن مەرمەر تاشلار ئورنىتىلغان. مەقبەرە زالىنىڭ دەرۋازا كېشىكىگە قۇرئاندىكى ئايەتلەر يېزىلىپ، گۆھەر بىلەن نەقىشلەنگەن. كېشەكنىڭ يەردىن 30 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى جايىغا يېزىلغان خەتلەر چوڭراق، ئۇنىڭ ئاستىدىكى خەتلەر كىچىكرەك بولغانلىقتىن، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ قارىسىڭىز، بۇ خەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى پەرق ئېتەلمەيسىز، بۇنىڭدىن لايىھىلىگۈچىنىڭ نەقەدەر كۆڭۈل قويغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەرمەرنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مەقبەرە زالىنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر زالنىڭ سىرتىدىكى پەلەمپەي ئالدىدا ئاياغ كىيىپ ياكى يالاڭ ئاياغ بولۇپ زالغا كىرىشى شەرت قىلغان. ھەيۋەتلىك ئاپئاق مەقبەرە زالى قىزىل راۋاق ۋە قۇرۇق تاملار بىلەن تېخىمۇ ئېچىلىپ، تاڭ نۇرىدا ياكى ئاي شولىسىدا تولىمۇ چىرايلىق ۋە ھەشەمەتلىك كۆرىنىدۇ. بۇ مەقبەرىگە كىرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئاپرىن ئوقىماي قالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ
ئەڭ داڭلىق ئىسلام مەقبەرىسى | UyghurWiki | UyghurWiki