ئىشلەشكە ئەڭ كۆپ خىراجەت كەتكەن ۋە ئەڭ كۆپ لېنتا ئىشلىتىلگەن كىنو فىلمى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
چەت ئەللەردە بىر فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن خېلى كۆپ خىراجەت كېتىدۇ. فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بۇ مەبلەغنى قانداق توپلايدۇ؟ ئۇلار فىلىم ئىشلەشتىن ئىلگىرى فىلىمنى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ، شۇ ئارقىلىق كۆپ مەبلەغ توپلايدۇ.
مەسىلەن، ئامېرىكىدا «قەھرىمان قەۋرىسى» دېگەن فىلىم ئىشلىنىشتىن ئىلگىرى، يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن 26 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا مەبلەغ توپلانغان. ئېلىزابېترى باش رولدا چىقىدىغان «مىسىر پەرىسى» دېگەن فىلىم 1963 - يىلى ئىشلىنىشكە باشلىغاندا، ئالدىن 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرى توپلانغان. يېقىندا ئامېرىكىدا «دوزاختىن بىشارەت» دېگەن فىلىم ئىشلىنىپ، بۇنىڭغا 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت قىلىش مۆلچەرلەنگەنىدى. كېيىن بۇ فىلىم بىر يىلدا ئىشلىنىپ چىقتى. بۇنىڭغا رېژىسسور گوپرا ۋە داڭلىق ئارتىست مالونبايلاندۇ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ فىلىم شۇلارنىڭ داڭقىغا تايىنىپ، دۇناينىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. گوپرا بۇ فىلىمغا 5 يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى، بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە سەرپ قىلىنغان خىراجەت ئاخىرىدا 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
دېگەندەك «دوزاختىن بىشارەت» دېگەن بۇ كىنو فىلمى 1977 - يىلى ئەتىيازدا كونسىبىل - بلوفسىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو بايرىمىغا قاتنىشىپ، شۆھرەت قازاندى. بۇ فىلىم ئامېرىكىدا فىلىمنىڭ خېرىدارلىقى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى بۇزۇپ، ئامېرىكا دائىرىسىدە 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلدى. بۇ فىلىم دۇنيا بويىچە قويۇلغاندىن كېيىن، شىركەتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇنىڭ كىرىمى 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
«دوزاختىن بىشارەت» ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قارشى ئىشلەنگەن فىلىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشىغا تۇتقان پوزېتسىيىسى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ تازا ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ فىلىمغا جەمئىي 457 مىل 200 مېتىر لېنتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى 34 كۈندە ئاران قويۇپ بولغىلى بولاتتى؛ كېيى ئۇ ئىككى يېرىم سائەتتە قويۇپ بولىدىغان قىلىپ قىسقارتىلدى. شۇڭا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەش خىراجىتى ۋە خېرىدارلىقى ئەڭ يۇقىرى، ئىشلىتىلگەن لېنتا ئەڭ كۆپ فىلىملار ئىچىدە «دوزاختىن بىشارەت» فىلىمى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.