UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ دەسلەپكى موتسىكىلىت

ئەڭ دەسلەپكى موتسىكىلىت

دۇنيادىكى ئەڭلەر موتسىكىلىتنى گېرمانىيىلىك دايملېر (1834 - 1900) دېگەن كىشى 1885 - يىلى كەشىپ قىلغان. كۆمۈر ياقىدىغان پار ئاپتوموبىلى كوچىلاردا ئومۇمىيۈزلۈك قاتناۋاتقان چاغلاردا ، ھەممە يەرنى ئىس قاپلاپ كېتىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاپتۇموبىللار تېز ماڭماڭدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەر باشقا يېقىلغۇدىن پايدىلىنىشىنى سىناق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. 1876 - يىلى گېرمانىيىلىك ئوتتو بېنزىن ياقىدىغان تۆت تاكىتلىق دىۋېگاتىلنى كەشىپ قىلدى. لېكىن ئۆنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىشلەتكىلى بولمىدى. ئوتتو بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان تېخنىك دايمىلېر كىچىك تىپتىكى يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ئىچىدىن يانىدىغان دىۋېگاتىلنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشقا بەل باغلاپ ئىشخانىدىكى ۋەزىپىسدىن ئىستىپا بېرىدۇ -دە، مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ 1883 - يىلى مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ، شۇ يىلى 16 - دېكابىردا گېرمانىيە ئىمپىرىيىسىدىن 28022- نومۇرلۇق مەنپەئەتدارلىق ھۇقۇقى ئالىدۇ. 1885 - يىلى 29 - ئاۋغۇستتا دايملېر مۇكەممەلەشتۈرۈلگەن بېنزىن دىۋېگاتىلنى ياغاچتىن ياسالغان ئىككى چاقلىق ھارۋىغا ئورنىتىپ ، دۇنيا بويىچە تۇنجى موتسىكىلىتنى ياساپ، مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. بۇ موتسىكىلىتنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە بىردىن ياردەمچى كىچىك چاق بېكىتىپ، 264 مىللىمېتىرلىق تىك ئاددى سىلىندىردىن پايدىلىنىلدى. تۆت تاكتلىق دىۋېگاتىل ئىككىدە بىر ھەسسە ئات كۈچى ھاسىل قىلىپ، چاقنى ھەركىلومېتىردا 438 قېتىم ئايلاندۇردى. بۇ موتسىكىلىتقا ئىككى خوتلۇق تېزلىك ئۆرگەرتكۈچ ئورنىتىلدى. شۇ يىلى سېنتەبىردە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بوۋېر دايملېر بۇ موتسىكلىتنى سائىتىگە ئۈچ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن 12 كىلومېتىر ھەيدەپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇ موتسىكلىت ھازىر ميۇنخېن پەن - تېخنىكا مۇزىيىدا ساقلانماقتا. (دىڭ يىجۇڭ)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ