UyghurWiki
UyghurWikiئاڭتۇنجى پۇتبول مۇزېيى

تۇنجى پۇتبول مۇزېيى

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ شىمالىدا سىكىن دېگەن كىچىككىنە بىر شەھەرچە بار، بۇ يەرنى ئىلگىرى بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. بىراق نامى چىقمىغان بۇ كىچىككىنە شەھەرچىگە دۇنيا بويىچە تۇنجى پۇتبول مۇزېيى سېلىنغاندىن كېيىن بۇ جاي ھەرقايسى ئەل پۇتبولچىلىرىنىڭ تەلپۈنىدىغان جايى بولۇپ قالدى. بۇ مۇزېينى سالدۇرغان ۋىلىنگېر پۇتبول مەستانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس غەلىتە بىر خىل خۇمارى بار ئىدى. ئۇ پۇتبولغا دائىر كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى توپلاشنى ياخشى كۆرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيەتلىرىگە چاقىرىق چىقىرىپ، ئۇزاققا قالماي پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بەزى داڭلىق پۇتبول ماھىرلىرى ئۆزى ئىمزا قويغان پۇتبوللارنى ئەۋەتتى، ھەرخىل كوماندا بايراقلىرى، ئىزناكلىرى، پۇتبول كىيىملىرى ۋە خاتىرە ئىزناكلىرى ئەۋەتتى؛ كۆرگەزمىگە قويۇلغان نەرسىلەردىن بەزىلىرى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك نەرسىلەر ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 -، 40 - يىللىرىدا ۇنيانىڭ پۇتبول ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەنگلىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ داڭلىق باشلىقى ھاپزوتنىڭ پۇتبول كىيىمى، «پۇتبول سەردارى» مانجۇسنىڭ پۇتبول ئايىغى، ۋە كومپوزىتورلار ئىجاد قىلغان «پۇتبولغا تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا» قاتارلىقلار بار. شۇنىڭدەك بۇلار ئىچىدە شۋېتسارىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەقدىم قىلغان ئۆزلۈكىدىن سىگنال بەرگۈچى ئالاھىدە سائەت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك جەلپ قىلىدۇ. سائەت يۈزىدە ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ھۇجۇمچى بىلەن جىددىي تەييارلىنىپ تۇرغان دەرۋازىۋەن بولۇپ، ھەربىر سائەتتە ھۇجۇمچى توپنى دەرۋازىغا قارىتىپ تېپىدۇ. دەرۋازىۋەن بولسا توپقا ئۆزىنى ئاتىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان يېرى شۇكى، ھۇجۇمچىنىڭ توپنى دەرۋازىغا قارىتىپ تېپىشىنىڭ قېتىم سانى ئەينى ۋاقىتنىڭ سائەت سانى بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ