ئادەم تېنىنىڭ تۇنجى رېنتگېن رەسىمى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى رېنتگېن 1895 - يىلى كروكېس نەيچىسىنىڭ ۋاكۇئۇمىغا زەرەت قويۇپ بېرىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا خۇسۇسىيىتى ئېنىق بولمىغان رېنتگېن نۇرىنى بايقايدۇ.بىر نەچچە كۈن سىرتقا چىقماي تەجرىبە قىلىدۇ. رېنتگېن ئايالىنى ئۆز تەجرىبىخانىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يېڭى كەشپىياتىنى سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە قارا قەغەزگە ئورالغان رەسىم نىگاتىۋىنى ئۇنىڭ ئالقىنىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا كروكېس نەيچىسىنىڭ نۇرىنى بەرگەندە، ئادەم تېنىنىڭ تارىختا تۇنجى رېنتگېن رەسىمى چۈشىدۇ. قىممەتلىك بۇ رېنتگېن رەسىمىدە ئايالىنىڭ قول سۆڭەك قۇرۇلمىسى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن. ھەتتا ئۇنىڭ بارمىقىغا تويىدا سېلىپ قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ئىزناسىمۇ رەسىمگە ئېنىق چۈشكەن.
رېنتېگىن نۇرېنى تېپىپ بىر ئاي ئۆتمەيلا ۋېنا دوختۇرخانىسى ئادەم تېنىدىكى سۆڭەكنىڭ ئورنىنى سىناق تەرىقىسىدە رېنتگېن نۇرى بىلەن كۆرسەتكەن، 1896 - يىلى ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى بىر كىشىنىڭ ئوۋدا ۋەقە يۈز بېرىپ قولىغا كىرىپ كەتكەن چاچما ئوق پارچىلىرىنىڭ قەيەردە توختاپ قالغانلىقىنى رېنتگېن رەسىمىدە ئوچۇق كۆرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر رېنتگېن نۇرىنىڭ مۇسكۇل قاتارلىق يۇمشاق توقۇلمىلاردىن ئۆتۈپ سۆڭەكنى ۋە ئادەم تېنىگە كىرگەن مېتاللارنى سۈرەتكە تارتىشتەك ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چۈشەنگەن