UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ شىمالغا تارقالغان يىلان

ئەڭ شىمالغا تارقالغان يىلان

دۇنيادىكى ئەڭلەر تۇراقلىق تېمپىراتۇرا جانۋارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ يەر شارىدا تارقىلىش دائىرىسىنى ئادەتتە، مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ھەرقانداق ئىلمان قانلىق جانۋارلارنىڭ ھەممىسىلا قاتتىق سۇغۇق بولىدىغان شىمالىي قۇتۇبغا بارالمايدۇ. يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئاستا بولۇپ، ئۇلار يېتەرلىك ئىسسىقلىق چىقىرالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا ئىسسىقلىق ساقلايدىغان ياخشى قۇرۇلما شەكىللەنگەن ئەمەس. ئۇلار بەدەن تېمپىراتۇرىسى مۇھىت تېمپىراتۇرىسىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇچرايدۇ. ئۇلار «تاشقى مەنبەدىن ئىسسىيدىغان جانۋارلار» تۈرىگە كىرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلار «ئۆزگىرىشچان تېمپىراتۇرلىق جانۋارلار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاشقى مەنبەدىن ئىسسىيدىغان جانۋارلارنىڭ يەر شارىدا تارقىلىشى جايلارنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسىگە قاراپ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. مۇھىتتىكى ئىسسىقلىق يىلانلارغا ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ: (1) يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئاندىن ئۇلار ئوزۇقلىنىش ۋە ھەزىم قىلىشتەك ئەڭ ئاساسلىق ھاياتلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ئۇلارنىڭ ياشىشى ئۈستىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس؛ (2) مۇھىتنىڭ ئىسسقىلىقى يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئوبىكتىنىڭ ياشىشىغا كاپالەت بېرىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى. ئەگەر ئوزۇقلۇق بولمىسا، يىلان تۈرىدىكىلەر ياشىيالمايدۇ. (3) يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ كۆپىيىش جەريانى ئۈچۈنمۇ يېتەرلىك ئىسسىقلىق بولۇشى كېرەك. شۇڭا يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان قىش پەسلى بەك ئوزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى قىسقىغىنا ئىسسىق پەسلىدە توپلىشىۋېلىنغان ئوزۇقلۇق ئۇلارنىڭ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان قىش كۈنلىرىدىن ئۆتۈشىگە ۋە كۆپىيىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدىغان شىمالىي رايونلاردا، ئەگەر تېمپىراتۇرىسى يۇقۇرىراق بولغان كۈندۈز بەك قىسقا بولسا، ئۇلار يېتەرلىك ئوزۇقلۇق توپلاشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۈچەككە كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ياشىشىغا پايدىسىز. شۇڭا سوغۇق بەلۋاغدا يىلان تۈرىدىكىلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز. دۇنيادا ئەڭ شىمالغا تارقالغان يىلانلار كۆچمە يىلان (Natrixnatrit) ۋە ئەڭ شىمال يىلىنى (Viperaberus ) بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئەڭ شىمال يىلىنى ئاساسلىقى ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان. بۇلار ئىسكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىن شىمالىي كەڭلىك 67 قەدەر يېتىپ بارالايدۇ. ئەڭ شىمال يىلىنى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنى چېتىگە بارالايدىغان بىردىن - بىر يىلان بولسا كېرەك. ئەڭ شىمال يىلىنىنىڭ سوغۇققا چىداشلىق بېرىش قابىلىيىتى خېلى كۈچلۈك بولۇپ، تېمپىراتۇرا ئۈچ سېلسىيەدىن چۈشكەندىمۇ ھەركەت قىلالايدۇ (ئادەتتىكى يىلان تۈركۈمىدىكىلەر تېمپىراتۇرا ئون سېلسىيەگە چۈشكەندە ھەركەت قىلمايدۇ). بەزىلەر، ئەڭ شىمال يىلىنى ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ. بۇ سوغۇق ھاۋا ماسلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يىلان تۈرىدىكىلەرنىڭ جەنۇبىي يېرىم شارغا تارقىلىشىدىكى جەنۇبىي كەڭلىك قىرىق گىرادۇسقىلا بارالايدۇ. (جاۋ ئېرمى)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ