ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ھازىر دۇنيادا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار يەككە تۆشۈكلۈكلەر، خالتىلىقلار ۋە بالا ھەمرىيى بارلار دېگەن ئۈچ چوڭ گۇرۇپپىسى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «تىرىك تاشقا ئايلانغۇچى » دەپ نام ئالغۇچى قىممەتلىك يەككە تۆشۈكلۈكلەرنىڭ ۋەكىلى ئۆردەك تۇمشۇقلۇقللار بىلەن ئېخىدنا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تۈرىگە كىرسىمۇ، لېكىن ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ئوخشاش تۇخۇم تۇغىدۇ. كۆپىيىشى ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىشى بىردىن - بىر «ئاجرىتىپ چىقىرىش - كۆپىيىش بوشلۇقى » ئارقىلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەككە تۆشۈكلۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ تۆت پۇتى يوغان بولۇپ يانغا سوزۇلغان، يەر بېغىرلاپ ماڭىدۇ. قورسىقى كۆپىنچە يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ. قارىماققا ئۇلار ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. بۇلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بىلەن ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن ئۇلاردا سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەرمۇ بار. مەسىلەن: سۈت بېزى بار، بالىلىرىنى سۈت بىلەن باقىدۇ، يۇڭلۇق كېلىدۇ. شۇڭا ئۆردەك تۇمشۇق بىلەن ئىخىدنانى ئەڭ ئىپتىدائىي سۈت ئەمگۈزگۈچى ھايۋانلار دەيمىز.
ئۆدەك تۇمشۇق ئاۋسترالىيىگە خاس ھايۋاندۇر. ئۇنىڭ پۈتۈن تېنى قويۇق قوڭۇر قىسقا تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. كېشىلەر ئىلگىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى ئالاتتى. ھازىر ئۇ قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆردەك تۇمشۇق دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق ئۇنىڭ تۇمشۇقى ناھايىتى يۇمشاق بولۇپ، ئىلاستىكىلققا ئىگە ھەمدە ئۇنىڭغا نىرۋا سېزىش تۈگۈنلىرى زىچ جايلاشقان. شۇڭا ئۇنىڭ سېزىمى پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈر بولىدۇ. ئالدى - كەينى پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىدا تىرناق بار، بارماق ئارلىقىدا ئۈزۈش پەردىسى بولۇپ، سۇ ئۈزگەندە پالاق ئورنىدا ئىشلەيدۇ. قويرۇقى ياپىلاق ۋە كەڭ بولۇپ، بەدەن كەڭلىكىنىڭ ئۈچتە ئىككى قىسمىغا باراۋەر دېگۈدە كېلىدۇ. سۇ ئۈزگەندە ئۇ رول ئورنىدا ئىشلەيدۇ. ئۆدەك تۇمشۇق بۇلغانمىغان تاغ سۈيى ۋە كۆللەردە ياشايدۇ. شۇڭا ئۇنى مۇھىتقا باھا بېرىدىغان بىر خىل «كۆرسەتكۈچ ھايۋان» قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ دائىم سەھەر ۋاقتىدا ۋە كەچقۇرۇنلۇقى قاسراقلىق جانۋارلار، سازاڭ، پاقا ۋە سۇدا ياشايدىغان قۇرت - قوڭغۇزلارنى تۇتۇپ يەيدۇ، باشقا ۋاقىتتا كاماردا دەم ئالىدۇ.
ئىخىدنا كۆپىنچە ئاۋسترالىيىدە بولۇپ، ئورمانلىق كىچىك تاغلار، قۇملۇق تۈزلەڭلىكلەر ۋە خادا تاشلىق جايلاردا ياشايدۇ. قارىماققا كىرپىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن كىرپىدىن بىر قانچە ھەسسە چوڭ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ئۇزۇن - قىسقا، ئىچى كاۋاك تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان.
ئۇنىڭ تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭ، بېشى كۆكۈچ كۈلرەڭ كېلىدۇ. قۇلىقى ۋە كۆزى ناھايىتى كىچىك، تۇمشۇقى ناھايىتى ئۇزۇن، بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ ئىككى يېنىغا جايلاشقان. ئاغزى ناھايىتى كىچىك ، يۇقۇرى ۋە تۆۋەن ئېڭەكلىرىدە چىش يوق، تىلى ناھايىتى ئۇزۇن. بىر خىل ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق ئىخىدنانىڭ تىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 270 مىللىمېتىر بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئۇ تىلىدىن كۆپلىگەن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىرىپ، مەخسۇس ھەرخىل چۈمۈلىلەرنى يەيدۇ. ئۇ چۈمۈلە ئۇۋىسىنى تېپىۋالسا، ئۇۋىغا تىلىنى تىقىپ، ئۇۋىغا تىلىنى تىقىپ، ئۇۋىدىكى چۈمۈلىلەرنى تامامەن يەپ بولىدۇ. ئىخىدنا ھەمىشە چۈشتىن كېيىن ۋە كەچقۇرۇنلۇقى چىقىپ ئاق چۈمۈلە ۋە باشقا قۇرت - قوڭغۇزلارنى تىپىپ يەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئورمانلىقتىكى پايدىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى گىۋىنىيىدە ياشايدىغان يەنە بىر خىل ئىخىدنا بار، ئۇلار ئىپتىدائىي ئىخىدنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىخىدنادىن پەرقى شۇكى، ئالدى - كەينى پۇتىنىڭ بەش بارمىقىدىن ئۇچى ناھايىتى چوڭ، قالغان ئىككىسى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، تۇمشۇقى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن بولۇپ، تۆۋەنگە ئېگىلگەن، قۇلاق پوستى تەرەققى قىلغان. (خۇا خۇەيلۇن)