قانۇن تېبابەتچىلىكىگە دائىر ئەڭ دەسلەپكى ئەسەر
دۇنيادىكى ئەڭلەر
قانۇن تېبابەتچىلىكى تېبابەتچىلىكنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئەمەلىي تەھقىقلەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە تېبابەتچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەندۇر.
مىلادى ئىلگىرى 44 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەدىمكى رىم ھۆكۈمدارى كائېسار برۇتچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندە 23 يېرى زەخمىلەنگەن. شۇ چاغدا ئانتىسدىياس دېگەن دوختۇر ئۇنىڭ ئەجەللىك يارىسى كۆكرىكىدىكى ئىككىنچى يارا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. قانۇن تېبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكى كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان بۇنى دۇنيا بويىچە قانۇن تېبابەتچىلىكى پائالىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىسى دەپ قاراپ كەلدى. لېكىن 1975 - يىلى ئېلىمىزنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى يۈنمىڭ دېگەن يەردىن قېزىۋېلىنغان چىن دەۋرىگە ئائىت بامبۇك تارشىلار بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. چۈنكى مىلادىدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ بامبۇك تارشىلارغا بوغۇپ ئۆلتۈرۈش، بويىدىن ئاجراش، سىرتتىن زەخمىلىنىشنى تەكشۈرۈشكە دائىر خاتىرىلەر يېزىلغان. «قاتىللىق» دېگەنكىتابتا كۆرسىتىلگەن مىساللار ئىچىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈشنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا: «پۈتۈن ئەزايىنى قويماي قاراپ چىقىش، ھەتتا چاچلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق (تاناسىل ئەزاسىغىمۇ قاراش) كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. قېزىۋېلىنغان ۇ مەدەنىي يادىكارلىقلار ئېلىمىزدە مىلادىدىن 200 نەچچە يىل ئىلگىرى قانۇن تېبابەتچىلىكىگە دائىر پائالىيەتلەر بولۇپلا قالماي، بەلكى قانۇن تېبابەتچىلىكىگە دائىر ئەسەرلەرنىڭمۇ بولغانلىقىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.
بۇ بامبۇك تارشىلارنى سىستېمىلىق ئىلمىي ئەسەر دېگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. 1247 - يىلى (سۇڭلى زۇڭنىڭ يىلنامىسى بولغان چۇنيۈنىڭ 7 - يىلى) كىتاب بولۇپ چىققان «ناھەقچىلىقنى ئاقلاش خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسەر قانۇن تېبابەتچىلىكىگە دائىر دۇنيا بويىچە سىستېمىلىق تۇنجى ئەسەردۇر.
«ناھەقچىلىقنى ئاقلاش خاتىرلىرى» دىن تۆت جىلدلىقى ۋە بەش جىلدلىقى ھازىر تارقىلىپ كەلمەكتە. بۇلار ئومۇمىي چۈشەنچە، جەسەتنى تەكشۈرۈش، تۆت پەسىللىك ئۆزگىرىش، ئېسىلىپ ئۆلۈش، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش، ئۆلتۈرۈش ۋە يارىدار قىلىش، ئوتتا ئۆلۈش، قايناق سۇدا ئۆلۈش، زەھەر ئىچىش ۋە باشقا ھەرخىل زەخمىلىنىش - ئۆلۈش قاتارلىق 53 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش، جىنايەتنى تەھقىقلەش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش، گۇناھكارنى قوغداشمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىنغان. بۇلار چوڭقۇر يېزىلغان بولۇپ، بايان قىلىنغان تۈرلەر ۋە بۇلارنىڭ دائىرىسى يېقىنقى زامان قانۇن تېبابەتچىلىكىگە ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ.
«ناھەقچىلىقنى ئاقلاش خاتىرىلىرى» 1862 - يىلى گوللاندىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، 1908 - يىلى فرانسۇز تىلىغا، كېيىن نېمىس، ياپون، چاۋشىيەن، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.