بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئىنسانلاي ياشاۋاتقان يەر شارى - قۇياش سېستىمىسىنى ئادەتتىكى بىر ئەزاسى. قۇياش بولسا سامان يولى سېستىمىسىدىكى ئادەتتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇز. سامان يولى سېستىمىسىدا تەخمىنەن100 مىليارد تۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ قۇياش سېستىمىزغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز خوشنا يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سېنتاۋر يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قۇياشقا بولغان ئارىلىقى 4.22 يۇرۇقلۇق يىلىغا توغرا كېلىدۇ. يۇرۇقلۇق يىلى ئاسترونومىيىدە ئارىلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىرلىك بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ بىريىلدا باسقان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تەخمىنەن 9 تىرىلىيون 460 مىليارد 500 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. 4.22 يورۇقلۇق يىلى 39 تىرىلىيون 923 مىليارد 300 مىليون كىلومېتىرغا توغرا كېلىدۇ. ئىنسانلار بۈگۈنگە قەدەر قويۇپ بەرگەن ئالەم كېمىلىرى ئىچىدە ئەڭ تېز ئۇچىدىغىنى «ساياھەتچى » ناملىق ئالەم كېمىسى بولۇپ، سائىتىگە 52 مىڭ كىلومېتىر يولنى باسىدۇ. ئەگەر بىز «ساياھەتچى » ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، قوشنا يۇلتۇزغا ساياھەتكە بارماقچى بولساق، بىر قېتىم بېرىپ، كېلىش ئۈچۈن 170 مىڭ يىل كېتىدۇ. بىزنىڭ قىسىقىغىنا ھاياتىمىز ھازىر بۇ ئارزۇغا يېتىشىمىزغا ئەسلا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ. ئالەم شۇنچىلىك زوركى، قوشىنىمىزمۇ ئاسماننىڭ ئۇ چېتىدە!
يۇقىرىدا قۇياش سېستىمىسىغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتۇق. قۇياش يەرشارىغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، ئاسترونومىيىدە بۇ ئارىلىق بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى قىلىنىدۇ.
ئاي يەر شارىغا ئەڭ يېقىن ئاسمان جىسىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سەييارە بولۇپ، ئۇنىڭ يەر شارىغا بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384 مىڭ 401 كىلومېتىر كېلىدۇ. «ساياھەتچى » ناملىق ئالەم كېمىسى يەر شارىدىن 8 سائەتكە يەتمەيلا ئايغا يېتىپ بارىدۇ. كائىنات دەۋرى بولغان بۈگۈنكى كۈندە شائىرلار ئەمدى «تولۇق ئاي قاچان چىقار، سورايلى كۆك ئاسماندىن، بۇ يىل زادى قايسى يىل، ئۇقايلى ئەرش - ئەلادىن» دەپ ئاھ ئۇرمايدىغان بولدى. (ۋۇ جېرىن)