كوكۇس ئەڭ كۆپ چىقىدىغان مەملىكەت
دۇنيادىكى ئەڭلەر
فىلىپپىن _ بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل ئىسسىق بەلباغ ئارال دۆلىتى. ھەممىلا يېرىدە ئۇچرايدىغان كوكۇس دەرەخلىرى كىشىنى ھەممىدىن بەكرەك مەپتۇن قىلىدۇ. ئېگىز ئۆسكەن بۇ كوكۇس دەرەخلىرى دەريا ۋە دېڭىز بويلىرىنى قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ناھايىتى مول مېۋە بېرىدۇ. بۇ گۈزەل مەنزىرە فىلىپپىندىكى ئىسسىق بەلباغ مەنزىرىسىنىڭ تىپىك تەسۋىرى. شۇڭا فىلىپپىن «كوكۇس مەملىكىتى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە.
كوكۇس دەرىخى چىرايلىق بولۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە، ئۇنى گۆھەر دېسىمۇ بولىدۇ. غولى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ياغاچ ماتېرىيالى سانىلىدۇ. كوكۇسنىڭ سۈيى تاتلىق ۋە سوغۇق بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۇسسۇلۇقتۇر. كوكۇسنىڭ گۆشى ئاپتاپتا ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇلسا، كوكۇس قېقى تەييار بولىدۇ. كوكۇسنىڭ تەركىبىدە 70 پىرسەنتكە يېقىن ماي بار، ئۇنىڭدىن ماي چىقىرىلسا، بۇ ماينى يېگىلى بولىدۇ. كوكۇستىن ناھايىتى كەڭ پايدىلانغىلى بولغاچقا، فىلىپپىن يېزىلىرىدا ھەربىر ئائىلە دېگۈدەك ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، بەزى ئائىلىلەردە بىر بالا تۇغۇلسا، ئىشىك ئالدىغا بىر تۈپ كوكۇس كۆچىتى تىكىلىدۇ، بالا مەكتەپكە كىرگەندە، بۇ كوكۇس كۆچىتى مېۋە بېرىدۇ.
فىلىپپىن كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇنيادا كوكۇس ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ۋە كوكۇس مەھسۇلاتى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان مەملىكەت بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر مەملىكەت بويىچە 340 مىليون تۈپ كوكۇس دەرىخى بولۇپ، بۇلار ئىككى مىليون 250 مىڭ گېكتار يەرنى ئىگىلەيدۇ، ھەر يىلى سەككىز مىليارددىن ئارتۇق كوكۇس مېۋىسى يىغىۋېلىنىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كوكۇس مەھسۇلاتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ كوكلۇس مېۋىسى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىگە تەكشى تەقسىم قىلىنىدىغان بولسا، ھەربىر ئادەمگە تەخمىنەن 200 دىن تېگىدۇ. كوكۇس فىلىپپىننىڭ خەلق ئىگىلىكىدە گەۋدىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.