UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ يۇقىرى كىرىم

ئەڭ يۇقىرى كىرىم

دۇنيادىكى ئەڭلەر ياپونىيە مالىيە مىنىستىرى ھەر يىلى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كىرىمىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. 1971 - يىلى سەنتەي شەھىرىدىكى گۇەنپىڭ ئارپا پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتى دۇڭسىجاڭنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان، ئۇنىڭ ساپ كىرىمى 3 مىليارد 890 مىليون 940 مىڭ ياپون پۇلى بولۇپ، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئارپا پىششىقلاپ ئىشلەش شىركىتىدىن كىرگەن بولماستىن، بەلكى ئورمان ئېچىشتىن كىرگەن ئىكەن. ئۇ ياغاچ ماتېرىياللارنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر كۆچمەس مۈلۈكلىك شىركەتكە سېتىپ بېرىدكەن. ئامېرىكىدا مىچىگان شتاتى دېترويت شەھرىدىكى ئونۋېرىسال ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ دۇڭسىجاڭى، قوشۇمچە باش جىڭلىسى جامېس روچې (1905 - يىلى تۇغۇلغان) نىڭ كىرىمى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ 1969 - يىللىق ئىش ھەققى ۋە مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 3 مىليون 829 مىڭ 290 فرانك بولغان. ئونۋېرىسال ئېلېكتر شىركىتىنىڭ دۇڭسىجاڭى رالپىخ كوردىنېر 1957 - يىلى ھەر خىل بېلەتلەرنى ئالماشتۇرۇش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىپ 6 مىليون 311 مىڭ 300 فرانك پايدا ئالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پايدا ئېلىشتا رېكورت ياراتقان.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ