ئەڭ كۆپ «ساقاللىق» پاقا
دۇنيادىكى ئەڭلەر
پاقىلار ئىچىدە بىر قانچە خىل ئەركەك پاقا باركى، كۆپىيىش پەسلىدە ئۇلارنىڭ گەۋدىسىنىڭ ھەرخىل ئورۇنلىرىدا مۈڭگۈزلۈك تىكەن ئۆسىدۇ. بۇ تىكەنلەر بەزى پاقىلارنىڭ كۆكسىدە ، بەزىلىرىنىڭ قورسىقىدا، بەزىلىرىنىڭ ئالدى يوتىدا، بەزىلىرىنىڭ بارمىقىدا ئۆسىدۇ. مۈڭگۈزلۈك تىكەنلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ھەرخىل پاقىلاردا ھەرخىل بولىدۇ. ئۇ ئەركەكلىكنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى ھېسابلىنىدۇ. كۆپىيىش پەسلى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، مۈڭگۈزلۈك تىكەنلەر چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ مۈڭگۈزلۈك تىكەنلەرنى ئەركەكلىك ھورمونى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇلار چېتىشىش ۋاقتىدا چىشى پاقىنىڭ پەرق ئېتىش، غىدىقلاش ۋە ئارتىلغاندا سىرىلىپ كەتمەسلىك رولىنى ئوينايدۇ.
بىر خىل پاقىلار باركى، ئۇلارنىڭ مۈڭگۈزلۈك تىكەنلىرى ئايرىمچە بولىدۇ. بۇ تىكەنلەر ئەركەك پاقىنىڭ يۇقۇرى ئېڭىكىنىڭ يانلىرىغا چىقىدۇ. شۇڭا بۇنداق پاقىلار «ساقاللىق پاقا» دەپ ئاتىلىدۇ. ساقاللىق پاقىلارنىڭ ھازىر تۆت خىلى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيشەن تېغىدا ياشايدىغانلىرى چۇڭئەن ساقاللىق پاقىسى (Vibrassaphora biui) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇقۇرى ئېڭىكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە بىردىن ئىككى تاللا «ساقىلى» بولىدۇ. گۇاڭشى ئۆلىكىسىدىكى ياۋشەن تېغىدا ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يىجاڭ دېگەن يېرىدە ياشايدىغانلىرى ياۋشەن ساقاللىق پاقىسى (V.yaoshannensis) دەپ، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ لېيشەن تېغىدا ياشايدىغانلىرى لېيشەن ساقاللىق پاقىسى (V.leishanensis) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ يۇقىرى ئېڭىكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىككىدىن تۆت «ساقىلى» بولىدۇ؛ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئېمېيشەن تېغىدا ياشايدىغان ئېمېي ساقاللىق پاقىسى «V. boringii» ئەڭ كۆپ ساقاللىق پاقا ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇقۇرىقى ئېڭىكىدە جەمئىي 10 - 16 تال ساقال بولىدۇ. ساقاللىق پاقىلار پەقەت بىزنىڭ ئېلىمىزدىلا تېپىلدى. ئۇلار ئېگىزرەك تاغلىق رايونلاردا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس، ئۇلار ئاز ئۇچرايدىغان سۇدىمۇ، قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشايدىغان قىممەتلىك جانۋار ھېسابلىنىدۇ. (جاۋ ئېربى)