UyghurWiki
UyghurWikiئاڭئەڭ كىچىك زەرەت

ئەڭ كىچىك زەرەت

دۇنيادىكى ئەڭلەر ئاسمان - زىمىندىكى جىمى نەرسە دائىم زەرەتلىنى تۇرىدۇ. بۇنى سەۋەبى شۇكى، جىسىمنى تەشكىل قىلغان ئاتوم تۈرلۈك سەۋەبلەر (مەسىلەن: سۈركىلىش، ئىسسش، خېمىيىۋى ئۆزگىرىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ) تۈپەيلىدىن ئېلېكتىروننى يوقىتىدۇ ياكى ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. زامانىۋى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئېنىلىنىشىچە، قۇياش زەرەتلەنگەن ئومۇمىي زەرەت مىقدارى تەخمىنەن 80 كۇلون. ئېلېكتىروننىڭ زەرىتى كىشىلەر بۈگۈنگە قەدەر بىلىپ كەلگەن ئەڭ كىچىك زەرەتتۇر. ھازىر تېپىلغان ئاساسىي زەرىچىنىڭ زەرىتىمۇ بۇ ئەڭ كىچىك زەرەتنىڭ پۈتۈن سانلىق ھەسسىدۇر. لېكىن 60 - يىللاردىن باشلاپ ئالىملار كۈچلۈك زەررىچىنى تەشكىل قىلغان ئاساسىي زەرىچىنىڭ ئېلېكتىر زەررىتىنىڭ پۈتۈن سانلىق ھەسىسى ئەمەس بەلكى كەسىرلىك بولۇشى يەنى زەررىچە زەرەتلەنگەن زەرەت ئېلېكتىرون زەررىتىدىن كىچىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى نەزەرىيە ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن تەجرىبە فىزىكا ئالىملىرىمۇ بۇنى كۆپ تەرەپلەردىن ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇلار ئاكسېلېراتور (تېزلەتكۈچ) دىن ئىزدىدى. ئالەم نۇرىدىن ئىزدىدى. ھەتتا ئايدىكى ماددىلارنىمۇ ئىزدىدى. . . . . . . ئامېرىكا ستانفۇ داشۆسىنىڭ فىربانىك گۇرۇپپىسى كۆپ يىللار تىرىشىش ئارقىلىق 1979 - يىلى يانۋاردا نىئوبىي ئىككى كەسرلىك زەرەتنى تاپقان. فىربانىكنىڭ تەجرىبە نەتىجىسى كەسىرلىك زەرەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن يەنىمۇ تولۇق ئاساس يارىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن ھالەتتە تۇرغان كەسىرلىك زەرەتنىڭ زەررىسى ھازىرغا قەدەر تېخى بايقالمىغانلىقتىن، فىربانىك تەجرىبىسىنىڭ ئالىملارنىڭ قانچىلىق دىققەت - ئېتىۋارىنى قۇزغىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ! ئەگەر كەسرلىك زەرەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاخىر ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، زەرەتكە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە. (لى شۇنچى)
← بارلىق تېمىلار ئاڭ