UyghurWiki
UyghurWikiئاڭبىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى باھادا يەر سېتىش

بىر قېتىملىق ئەڭ يۇقىرى باھادا يەر سېتىش

دۇنيادىكى ئەڭلەر 1969 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتى ئانكوراج شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەملىك يەر سېتىشتا، ئالياسكىنىڭ شىمالىي قاپتىلىغا جايلاشقان نېفىت رايونىدىكى 179 پارچە يەرگە (جەمىئىي 182 مىڭ 455 گېكتار كېلىدۇ) باھا قويۇپ سېتىش سودىسى بولغان. ئامېرادا خېس شىركىتى - گېتتى نېفىت بىرلەشمە تىجارىتى تەشكىلاتى 1036 گېكتار كېلىدىغان بىر پارچە يەرگە 361 مىليون 385 مىڭ 665 فرانك باھا قويغان. دېمەك، بىر گېكتار يەر 348 مىڭ 827 فرانكقا توختىغان. مانا بۇ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر قېتىملىق يەر سېتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئاڭ