قۇرۇقلۇقتا ياشاپ كەلگەن ھايۋانلار ئىچىدە قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەڭ چوڭى
دۇنيادىكى ئەڭلەر
ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن بولغان دىنوزاۋر يەر شارى تارىخىدىكى مېزوزوي ئېراسىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ھايۋان بولۇپ، يەر شارىدا تەخمىنەن 100 مىليون يىلدىن ئارتۇق ياشىغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 140 مىليون يىل ئىلگىرىكى يۇرا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىنوزاۋرنىڭ بىر تارمىقى بولغان كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار تۈرىدىكى دىنوزاۋرنىڭ گەۋدىسى زورىيىشقا باشلىغان، گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 - 27 مېتىرغا يەتكەن، ئېغىرلىقى 30 - 50 توننىدىن ئاشقان. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ئىچىدە يەرزارىدا قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر ئۇلاردىن چوڭى بولمىغان.
شىمالىي ئامېرىكىدا تېپىلغان دىپلودوك، برونتوزاۋرلار ۋە مەملىكىتىمىزدە تېپىلغان مامېنشى دىنوزاۋرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار كەسلەنچۈك پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ناھايىتى ئاتاقلىق دىنوزاۋرلاردۇر. دىپلودوكنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27 مېتىر بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ ئۇزۇن دىنوزاۋر ھېسابلىنىدۇ، برونتوزاۋرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 24 مېتىر بولۇپ، دىپلودوكتىن سەل قىسقىراق، لېكىن ئۇنىڭدىن كۆپ ئېغىر، تەخمىنەن 50 توننا كېلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىلىم - پەن خادىملىرى 1957 - يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ خېچۈەن ناھىيىسىدىن تاپقان «خېچۈەن مامېنشى دىنوزاۋرى» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 22 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇزۇن بوينىنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىدەك كېلىدۇ.